ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىقىزلار ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان چاغلار

قىزلار ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان چاغلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نۇرغۇن قىزلار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىنى «سەمىرىپ كېتىش» نىڭ خەتەرلىك مەزگىلى ،دەپ قارايدۇ،ئەمما 20 -30ياش مەزگىلىنىڭ تېخىمۇ ھەزەر ئەيلەيدىغان سەمىرىپ كېتىش مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

ئاۋسترالىيە دېئاكون ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 700دىن ئارتۇق قىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىغىنى تەھلىل قىلىپ چىقارغان سانلىق مەلۇماتتىن بايقىلىشىچە ،بۇ ياشتىكى قىزلارنىڭ 41%ىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4يىلدا ئوتتۇرىچە 2.5كىلوگرام ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار قىزلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشىدىكى ئامىللار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .نەتىجىدە ،پىسخىكا،ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە مۇھىتنىڭ سەمىرىپ كېتىشكە ئالاقىدار ئامىللار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

قىزلار ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان چاغلار

بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پروفېسسور كېللېي مۇنداق دەيدۇ: قىزلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،سەمىرىپ كېتىشنىڭ خەتەرلىك مەزگىلىدىن بەكرەك پەخەس بولىشى كېرەك ،ئەمما نۇرغۇن قىزلار مەكتەپتىن ئايرىلىپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ،ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئاز قاتنىشىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا شاكىلات ،بەرەڭگە قەلەمچىسى دىگەندەك ئىسسىقلىقى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدۇھەمدە «خىزمەت بېسىمى ئېغىر ،شۇڭا قۇۋۋەت تولۇقلىشىم كېرەك »دىگەندەك باھانىلەرنى ئىزدەيدۇ،يەنە بىر قىسىم قىزلار خىزمەت بېسىمىنى چوڭ يەپ ،چوڭ ئىچىش ئارقىلىق تەڭشەيدۇ.

« توي قىلىش» 20-30ياشتىكى قىزلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئاسانلا ئارتىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر ئامىل . نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى يىمەك -ئىچمەك ئادىتى يولدىشىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ،ئىشتىھاسىمۇ ئېچىلىدۇ،بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى تەبىئىيلا ئارتىپ كېتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،تويدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان چوكانلار بوش ۋاقىتلىرىنى كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ ،ئاۋالقىدەك دوستلىرى،ساۋاقداشلىرى بىلەن سىرتقا كۆپ چىقمايدۇ .

«ھامىلدار بولۇش» 20-30 ياشتىكى چوكانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ شىددەت بىلەن ئارتىپ كېتىشىنىڭ 3-ئامىلى.نۇرغۇنلىغان چوكانلار يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن ،ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى بەدەن ئېغىرلىقىغا قايتالمايدۇ.ھامىلدار بولغاندا كۆپ قىسىم چوكانلار ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ،دەپ ھەركەت قىلماسلىقنى قالقان قىلىۋالىدۇ ،يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتتا يىمەك -ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش خىيالىدىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا پروفېسسور كېللېي:ئەمىليەتتە ھامىلدار بولغان چوكانلار ئۆزىنىڭ يىمەك -ئىچمىكى ۋە ھەركىتىنى مۇۋاپىق پىلانلىسا بولىدۇ،ئىشتىھاسىنى خالىغانچە قويىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، دەپ قارايدۇ .

ئەڭ ئاخىرىدا تەتقىقاتچىلار يەنە تەكىتلەپ :«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆكتاتلارنىڭ باھاسى توختىماي ئۆسىۋاتقاچقا ،بىر قىسىم ئاياللار كۆكتات سېتىۋېلىشنى ئازايتقان ،ئەمما بىز كۆكتاتلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك »دىدى.

مەنبەسى: «ھاياتلىق»ژورنىلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 07:09:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ