ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالانىمە ئۈچۈن بوۋاقلار سۈت ياندۇرىدۇ ؟

نىمە ئۈچۈن بوۋاقلار سۈت ياندۇرىدۇ ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلارنىڭ سۈت ياندۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئاناتومىيلىك ئالاھىدىلىكى ۋە مۇۋاپىق ئېمىتلىمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،بۇ،كېسەللىك ھادىسى ئەمەس،بوۋاقلارنىڭ ئاشقازاىنى قوساقنىڭ سول تەرەپ يۇقىرىقى قىسمدا تەكشى بولۇپ،ئاشقازان كىرىش ئېغىزى مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولىدۇ،شۇڭلاشقا ئاشقازان كىرىش ئىشكى بوش بولىدۇ. ئاشقازان سىغىمچانلىقى كىچىك،ئاشقازان مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز،نېرۋا تەرەققىياتى يېتىلمىگەن بولىدۇ.

بوۋاق سۈت ئېمىش جەريانىدا كۆپلەپ ھاۋانى سۈت بىلەن بىللە يۇتقاندىن كېيىن،ئەگەر بالىنىڭ تۇرۇش ھالىتى سەللا ئۆزگەرسە ئاشقازاندىكى نەرسىلەر ھاۋا بىلەن بىرگە يۇقىرى ئۆرلەپ سۈت ياندۇرىدۇ.بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ سۈت ياندۇرۇش ئاستا – ئاستا قېلىپ قالىدۇ،تۆت ئايلىقتىن كېيىن سۈت ياندۇرۇش ئاز ئۇچلايدۇ.دېمەك سۈت ياندۇرۇش فىزىئولوگىيلىك ھادىسە بولۇپ،بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

لىكىن چۇقۇم كېسەللىك بىلەن قۇسۇشتىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.ئەگەر سۈت ياندۇرۇش قېتىم سانى ۋە قۇسۇش مىقدارى كۆپ بولۇپ،كېسەللىك ئەھۋالىدىن گۇمان تۇغۇلسا ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش،داۋالىتىش لازىم.

بوۋاقلاردىكى سۈت ياندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك چارە-مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش،بالىنى سۈتكە بەكمۇ تويغۇزۇۋەتمەسلىك،سۈت بىلەن بىللە ھاۋانىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

بالىغا سۈت ئەمگۈزۈشتە ئانچىۋالا ئالدىرىماسلىق،ئەگەر سۈت بەك كۆپ بولسا ئەمچەكنى چېتىدىن ئوتتۇرسىغا قارىتىپ سەل بېسىپ سۈتنى ئازايتىش لازىم.

ئەگەر بوۋاقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئېمىزگە بىلەن ئېمىتكەن بولسا ئېمىزگە تۈگمىسىگە سۈت تۇلۇق تولۇشى،ئىچىدە ھاۋا بولماسلىقى كېرەك.

ئېمىتكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ بېشىنى ئېگىز قىلىپ قىيپاش كۆتۈرۈپ دۈمبىسىگە بوش – بوش پەپىلەپ ئۇرۇپ بەرسە ئاشقازاندىكى ھاۋا چىقىپ كېتىدۇ.

بوۋاقنى ياتقۇزغاندا بېشىنى سەل ئېگىزرەك قويۇپ (بوۋاقنىڭ ياستۇقى ئۆز مۇشتىنىڭ ئېگىزلىكىدەك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ ) ئوڭ تەرىپى بويىچە ياتقۇزۇش كېرەك.

ئانىلار توغرا ئېمىتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋالغاندا سۈت ياندۇرۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ