لېمفا تۈگۈنى ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشى ۋە پائالىيەت مېخانىزماسى
淋巴结解剖结构与工作原理
lymph node anatomical structure and working mechanism
lenf nodu anatomisi ve çalışma mekanizması
يۇمۇلاق، ياكى ئىللىپىس شەكىلدىكى قىزىل تەنچە بولۇپ، لېمفا نەيچىسى كىرىش ۋە چىقىش ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈگۈنلەرگە بەدەننىڭ قىل قان تومۇرلىرىمۇ كىرىپ چىقىپ تۇرىدۇ. بەدەندە سانى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ھەم توپلىشىپ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. تۈگۈنلەر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا لېمفا نەيچىسى ئۈستىدە مارجانغا ئوخشاش تىزىلىپ تۇرىدۇ.
ياشلاردا 400-450 ئەتراپدا لېمفا تۈگۈنى بولىدۇ. لېمفا تۈگۈنىنىڭ ئاساسلىق رولى، لېمفا سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈش تازىلاش، لېمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش، ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرۈش رولىغا ئىگە.