كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى 2024 – يىلى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى 2024 – يىلىدىن 2025 – يىلىغىچە بولغان RSV پەسلى مەزگىلىدە بارلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە خەۋپ – خەتىرى يۇقىرى بوۋاقلارنى nirsevimab ( تاۋار نامى Beyfortus ) دورىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى ،بۇ بىر خىل نەپەس يولى بىرلەشمە ھۈجەيرە ۋىرۇسى ( RSV ) دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يەككە كلونلۇق ئانتىتېلا دورا. RSV كۆپ ئۇچرايدىغان ۋىرۇس بولۇپ ،بوۋاقلار ۋە بالىلارنى ئاسانلا يۇقۇملاندۇرۇپ ، بولۇپمۇ ئەتىياز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئېغىر نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئونتارىئو ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەرىكەت بوۋاقلارنىڭ بالنىستتا يېتىش نىسبىتى ۋە ئېغىر دەرىجىدە RSV يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. Beyfortus ھەر يىلى پەقەت بىر قېتىملا ئوكۇل سالىدۇ ،ئۇزاق ئۈنۈملۈك قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئونتارىئو ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر تېنى ئاجىز بوۋاقلارنىڭ RSV پەسلىدە تولۇق قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، RSV دىن كېلىپ چىقىدىغان بالىلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى ئازايتىش ئۈچۈندۇر.
بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى RSV كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلە ۋە داۋالاش سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىكەن. ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ بۇ تەدبىرى كەڭ دىققەتنى قوزغىدى ۋە ماختاشقا ئېرىشتى، بالىلار ساغلاملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى زور ئىلگىرىلەش دەپ قارالدى.
RSV يۇقۇملىنىش پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا بىر ئېغىر ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى، بولۇپمۇ بوۋاقلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدۇ. دوختۇر تەتقىقاتچىلار ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ بۇ قارارىنى شۈبھىسىزكى باشقا رايونلارنى مۇھىم بىر ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەپ ،ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاشنىڭ ئاممىۋى تازىلىقتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى.
مەنبە:
ContagionLive