ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرسەھىيە خەۋەرلىرىبۇ يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

بۇ يازدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ يىل بۇلتۇرقى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىسسىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆپىنچە كىشىلەر ھېس قىلدى بولغاي. ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ پەقەت شۇ رايوننىڭ تۇرمۇش، قاتناش، مۇھىت، خىزمەت تەرەپلىرىگىلا تەسىر قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى بولغان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ مۇھىم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ يىلقى بىنورمال ئىسسىق ھاۋا سەۋەپلىك ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىس دوختۇرلار پۇقرالارنى قاتتىق ئىسسىق دولقۇنىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، قۇياش نۇرىدىن ئېھتىيات قىلىشقا چاقىرىشقا باشلىدى.

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋالى

ھەممىمىز بىلىمىز، ئىسسىق ھاۋادا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسەك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، يەنى سىرتقى ئىسسىق ھاۋا تەسىرى نەتىجىسىدە، ئادەم بەدىنى سىرتقى ھاۋا ۋە بەدەننىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسسىق ھاۋادا بەدەندە سۇ ئازىيىپ كەتسە ۋە شۇ كىشى ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىسا ۋە سالقىن بىر يەردە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرمىسە، بەدەندە كۆرۈلگەن ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن.

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

  1. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورماللىشىش، قىزىش.
  2. ماغدۇرسىزلىنىش.
  3. بېشى قېيىش.
  4. كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش
  5. قورساق مۇجۇلۇپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش.
  6. ئېغىرراق ئەھۋاللاردا ھوشسىزلىنىش.
  7. بەدەندە باشقا سوزۇلما كېسەللىكلىرى بار كىشىلەرنىڭ كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىش.
  8. باشقىلار…

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش توغرىسىدا مۇتەخەسىسلەر كۆز قارىشى

يۇقىرىدا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىنى تىلغا ئالدۇق. تۆۋەندە ھەرقايسى بۆلۈم مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئايرىم ئالامەتلىرىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوختۇر گۆكخان ئاكدېمىر يېقىنقى ۋاقىتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقتا « قۇياش بېشىمنى كۆيدۈرۈۋەتتى » ، « ماڭا ئىسسىق ئۆتۈپ قالدى » ، « بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ » دىگەندەك
شىكايەتلەر بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: « ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ھەر بىر سېلسىيە گرادۇس يۇقىرىلىغاندا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى % 10 ئېشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نىسبەت خېلىلا يۇقىرى، بولۇپمۇ 65 ياشتىن ئاشقانلاردا بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بىر نىسبەت دەپ ئويلىساق بولىدۇ. بەدەن سۇسىزلىنىش سەۋەبلىك قان قويۇقلىشىش نەتىجىسىدە قېتىشىش ئامىللىرىنىڭ كۆپىيىشى چوڭ مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك قان تومۇردا كۆرۈلگەن سەكتە دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئۆلۈش سەۋەبى. 2 مىليون ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ، ھەر بىر سېلسىيە گرادۇس يۇقىرىلىغاندا بىمارنىڭ سەكتە كۆرۈلۈش نىسبىتى 1.3 % يۇقىرىلىغان، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بولسا % 1.5 ئاشقان. ئامېرىكىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 500،000 ئادەمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. ئەگەر ئادەم بەدىنى دۇنيا كلىماتىرىيىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ماسلىشالمىسا، 2030-يىلىدىن 2070-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسسىق ھاۋا سەۋەبلىك قازا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 3 ھەسسە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.”

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتى يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلىرى پروفېسسور دوختۇر ئونۇر سەلچۈك گۆكسەل، يازدىكى ئىسسىقنىڭ ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ھەمبەھىرلەندى. پروفېسسور دوختۇر گۆكسەل، قان بېسىم دورىلىرى ياكى سۈيدۈك ھەيدەش دورىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىمارلار يازدا كۆپ تەرلەش نەتىجىسىدە بەدەندىكى تۇز ۋە سۇ تېزلا ئازلاپ كېتىدۇ، ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ماغدۇرسىزلىنىش، ھارغىنلىق ۋە يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئىچىدە يۈرەك رېتىم قالايمىقانچىلىقى ئەگەر داۋام قىلىۋەرسە، بىماردا تېزلا يۈرەك زەئىپلىشىشكە يول ئېچىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان كىشلەر ئىسسىق ياز كۈنلىرى ئۆزىنى قوغداشقا بەكلا دىققەت قىلىش كېرەك. »

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

خوش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ خەتەرلىك نەتىجىلىرىنى ئاز تولا بىلدۇق، ئەمىسە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز:

  1. يازدا كۈنىگە 2-2.5 لىتىر سۇ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
  2. سىرتقا چىققاندا چوقۇم بىر بوتۇلكا سۇ ئېلىۋېلىش لازىم.
  3. سىرتقا چىققاندا، قۇياشتىن ساقلىنىش مېيىنى سۈرۈۋېلىش كېرەك.
  4. سىرتتا سۇ سېتىۋالغاندا ئامال بار مېنىرال سۇ ئېلىش كېرەك. باشقا گاز سۈيى ياكى مىۋە سۇلىرىنى ئانچە تەۋسىيە قىلىپ كېتىلمەيدۇ.
  5. ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شەپكە ئېلىۋېلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن سىرت قۇياشتىن ساقلىنىش كۆزئەينىكىمۇ بولغان ياخشى.
  6. تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، نېپىز پاختا رەختلىك كىيىملەرنى كىيىش.
  7. چۈشتە 1:00 ۋە 4:00 ئارىسىدا ئامال بار سىرتقا چىقماسلىق.
  8. سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە سالقىن يەردە مېڭىش كېرەك.
  9. چىڭقى چۈشتە ياكى ھاۋا بەك ئىسسىق ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى تەرلەپ ئورۇقلايمەن دەپ زىيادە چېنىقىش قىلماسلىق كېرەك.
  10. ھەركۈنلۈك ھاۋارايىنى ئالدىن كۆرۈپ تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا قارىتا بىر كۈنلۈك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
  11. دېڭىز سۈيىگە چۆمۈلۈپ چىققاندىن كېيىن بەك ئۇزۇن ئاپتاپتا قالماسلىق، بەدەننى پاكىز سۈرتۈپ قۇرۇتۇپ قۇياشتىن ساقلىنىش مېيىنى سۈركىۋېلىش كېرەك.
  12. خلور بىلەن تازىلانغان سۈنئىي كۆلچەكتە سۇ ئۈزگەندىن كېيىن، بەدەننى تۇرۇبا سۈيىدە چايقىۋېتىش كېرەك.
  13. دوختۇردىن مەسلىھەت ئالماي تۇرۇپ كۈندىلىك ئىشلىتىۋاتقان دورا مىقتارىنى ئازايتماسلىق كېرەك.
  14. تاماكا ۋە ھاراق ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك.
  15. بەك تەرلەپ كەتتىم دەپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ زىيادە تۇز ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك. تاماققا نورمالدىن بىر كىچىك چىمدىم تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسىلا بولىدۇ.

 

ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەگەر بىلىپ بىلمەي ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ، يۇقارقىدا تىلغا ئالغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندە بىرقانچە ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:

  1. دەرھال سالقىن، سۆرۈن بىر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىش كېرەك.
  2. يۈز كۆزىنى، بوينىنى، قول بىلەكلىرىڭىزنى نورمال سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بەدەن ئىسسىقلىقىڭىزنى چۈشۈرۈش لازىم.
  3. ئاستا ئاستا يۇتۇم يۇتۇم سۇ ئىچىپ سۇ تولۇقلاش كېرەك. چۈنكى بىراقلا تېز ئىچىۋەتسە قان تومۇر بىراقلا كېڭىيىدۇ، ئەمما يۈرەككە بولغان بېسىم يۇقىرىلايدۇ، مېڭىگە دەماللىلىقتا قان بېرىپ بېرىپ بولالماي قالىدۇ.
  4. ئەگەر ئېغىر باش قېيىش، ياكى ھوشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئۇدۇل ئەڭ يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىش ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىش كېرەك.

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-27 / 06:10:05

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ