تۈركىيىدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئۆرلەش شاۋقۇنى داۋاملاشماقتا. نەتىجىدە، دورىخانىدىكى دورىلارنىڭمۇ باھاسىمۇ ئۆستى…
«خەلق ئىشلىتىدىغان دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى توغرىسىدىكى قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى» 7.ئاينىڭ 23. كۈنى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى. پرېزىدېنتنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلغان بۇ قارارىغا قارىغاندا ، 7-ئايدا تۈركىيە لىرادىكى دورىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىدا ئىشلىتىلىدىغان 1 ياۋرونىڭ قىممىتى% 30.5 ئېشىپ ، 14.0387 TL بولغان. بۇ دېمەك، ھازىرقى دورىلارنىڭ باھاسى 30.5% ئۆسمەكچى.
بۇ قارار 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. يەنى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ 100 لىرالىق بىر دورا، 130.5 لىراغا سېتىلىشقا باشلايدۇ. خەلق داۋالىنىشقا ئىشلىتىدىغان چىقىملار تېخىمۇ يۇقىرىلايدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.
تۈركىيىدە، پۈتۈن ۋەتەنداشلار سۇغۇرتا ئىشلىرىدىن تولۇق پايدىلىنالايدۇ، يەنى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىدا ھەقسىز داۋالىنالايدۇ، ئەمما دورىخانىدا دورا سېتىۋالغاندا يەنىلا باھا پەرقى نامىدا بىر قىسىم چىقىم چىقىدۇ. ئاددىي بىر ھېساب كىتاپ قىلىپ باقساق، 6-ئايدا سۇغۇرتىسى بولمىغان بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشى دورىخانىدىن دوختۇر رېتسىپى بىلەن بىر قۇتا ئانتىبىئوتىك دورىنى 55 لىراغا سېتىۋالغان بولسا، 7-ئايدىن باشلاپ بۇ باھا 71.7 لىراغا توختايدۇ. سۇغۇرتىسى بار بىر كىشى، دوختۇر رېتسىپى بىلەن ئوخشاش بىر ئانتىبىئوتىك دورىنى 11 لىراغا سېتىۋالغان بولسا، 7-ئايدا 14.3 لىراغا سېتىۋالىدۇ دېگەن گەپ. باشقا قىممەت باھالىق دورىلارنىڭ باھاسىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.
بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بېكىتكەن دورىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىدا ئىشلىتىدىغان 1 ياۋرۇ قىممىتى 14.0387، ئەمما تۇرمۇشىمىزدىكى 1 ياۋرۇ ھازىر 30 لىرا بولدى. بۇ سەۋەپلىك دورىگەرلەر سىرتتىن دورا ئىمپورت قىلىش تەس بىر ئەھۋال شەكىللەندى. يەنى دورىگەرلەر چەتئەلدىن 1 ياۋرۇ 30 لىرا قىممىتىدە دورا ئىمپورت قىلدىيۇ، تۈركىيە ئىچىدە سېتىشقا چىقارغاندا ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن 1 ياۋرۇ 14.0387 لىرا قىممىتىدا دورا باھاسىنى بېكىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن سىرتتىن دورا كىرگۈزۈش تەسلىشىدۇ، دورىخانىدىكى دورىلارنىڭ تۈرلىرى ئازلايدۇ، مۇھىم كېسەللىكلەرنىڭ دورا داۋالاش تاللاشلىرى تارلىشىدۇ ۋە نەتىجىدە خەلق دورا تاپالماسلىقتەك قېيىن بىر ئەھۋالدا قالىدۇ.
ئىقتىساتتىكى بۇ مەسىلىلەرنى جىددىي بىر شەكىلدە ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولماقتا.
تەييارلىغۇچى:نۇرمەمەت دوختۇر
مەنبە: دوختۇرلار تورى