ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلارئۆپكە راكىنى راستتىنلا داۋالىغىلى بولمامدۇ

ئۆپكە راكىنى راستتىنلا داۋالىغىلى بولمامدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

راك كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى «ساقايماس كېسەل» دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ «راك كېسىلى ئىچىدىكى بىرىنچى قاتىل» دەپ ئاتالغان ئۆپكە راكى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يىلدا بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، ئۆپكە راكى جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالغان. لېكىن، ئۆپكە راكى راستتىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇقمۇ؟ ساقايماس كېسەلمۇ؟

ئۇنداق ئەمەس!

1. ئۆپكە راكى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

راك كېسىلى ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. ئۇنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ئىچكى ئامىل بىلەن تاشقى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىچكى ئامىل ئاساسلىقى ئىرسىيەت، ئىممۇنىتېت ۋە ئىچكى ئاجراتما قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

سىرتقى ئامىل تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشى بولمىسىمۇ تاماكا چېكىشنى ياقتۇرىدۇ، مانا بۇ ئۆپكە راكى كېسىلىگە ئاساس سالغانلىقتۇر. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن.

تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىش، دائىم رادىيوئاكتىۋ قويۇپ بېرىدىغان سورۇنلار(مەسىلەن: كان) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز بۇنداق سورۇنلارغا كىرىپ-چىقىشتا، چوقۇم شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

2. ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

«بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش»نى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.

ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى 60 ياشتىن ئاشقانلار، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە ئۆپكە راكى ياكى باشقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىدۇر.

سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە بەزى ئۆسمە بەلگە ماددىسى، ئانتىتېللانى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى يۇقىرى بولغان ئەھۋالدىمۇ ئەنسىرەش ھاجەتسىز، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يۇقىرى بولۇشى پەقەت پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ، كىلىنىكىدا دوختۇرلار ئۇزاق مۇددەتلىك كۆرسەتكۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە چەتنەش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىدۇ.

ۋاقتىدا داۋالانسا ساقىيىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، مېدىتسىنادا راك كېسىلى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

1-، 2-باسقۇچ: يەنى، ئادەتتە دېيىلىدىغان دەسلەپكى باسقۇچ. بۇ خىل بىمار بىۋاسىتە ئوپېراتسىيە قىلىنسا ساقايتقىلى بولىدۇ.

3-باسقۇچ: قىسمەن ئاخىرقى باسقۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بىمارلارغا نىسبەتەن كۆپ ھاللاردا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش قوللىنىدۇ، قوشۇمچە خىمىيەلىك داۋالاش، رادىياتسىيەلىك داۋالاش، نىشانلىق داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنىڭمۇ داۋالاپ ساقايتىش ئېتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

4-باسقۇچ: ئاتالمىش ئاخىرقى باسقۇچ. ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بىمارلارنىڭمۇ ساقىيىش پۇرسىتى بولىدۇ. كىلىنىكىدا ئىممۇنىتېتنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

3. ھازىرقى ئۆپكە راكىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

بىرىنچى خىلى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خىلى نىشانلىق داۋالاش. نىشانلىق داۋالاش بەدەندىكى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئورنىنى كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى خىلى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش. ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش بەدەندىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، يەنە جۇڭيى تېبابىتى ۋە جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالىغاندا، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ

ئەلكۈيى تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ