ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان يىگىتلەر .بۇنداق يىگىتلەر كىچىكىدىن تارتىپ ئانىسىغا يۆلىنىپ ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ ، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئانىسىغا يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە سۆزلەيدۇ ؛

پوچى يىگىتلەر . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بولمايدۇ ، ئۆي تۇتۇش، ئائىلە باشلىقى بولۇش سەنئىتىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ؛
شەخسىيەتچى يىگىتلەر . بۇنداق يىگىتلەر سىزنىڭ نېمە بولۇشىڭىز بىلەن كارى يوق ، پەقەت ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى ، كىيىدىغىنى تەييار بولسا ، ھەممە ئىش ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولسىلا بولدى ، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايدۇ .
كۆڭلى قارا يىگىتلەر . بۇنداق ئادەم قانداق رەزىل ۋاستە قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ، كۆزلىگىنىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ ؛
ھاراقكەش ، قىمارۋاز يىگىتلەر . ئۆمرۈم خورىمىسۇن دېسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق يىگىتلەردىن بېرى تۇرۇڭ ؛
ئۈجمەكۆڭۈل يىگىتلەر . بۇنداق يىگىتلەرنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى ئاساسەن چىرايلىق قىزلار بولۇپ ، بىرىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە باشقا بىرىگە ئىنتىلىدۇ ؛
پۇل تېپىشنىلا بىلىپ ، خەجلەشنى بىلمەيدىغان يىگىتلەر . جاپاغا چىداپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئەربولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، لېكىن تېپىشنىلابىلىپ ، خەجلەشنى بىلمىگەن يىگىتلەر تويدىن كېيىن يا ئۆزى خەجلىمەي ، يا خوتۇنىنى خەجلەتمەي چىڭگىزلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .
‹‹ قانۇنچىلىق گېزىتى ›› دىن ئېلىندى