ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقۇلاق، بۇرۇن، بوغاز كېسەللىكلىرىئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى توغرىسىدىكى بىلىملەر

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى توغرىسىدىكى بىلىملەر

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قۇلاق كېسەللىكلىرى تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى ئويلايدۇ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپ قىسىم كىشىلەر شۇ قۇلاقتىن يىرىڭ ئاقىدۇ ئۇنچە ئېغىر كېسەللىك ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەل دىققەت قىلمىغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارى مەڭگۈلۈك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى توغرىسىدىكى بىلىملەر

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى نېمە ئۈچۈن ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئادەمنىڭ قۇلىقى ئاساسلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق ۋە ئىچكى قۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ئوتتۇرا قۇلاقتا يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇلاق كېسەللىكى بولۇپ، ياش پەرقى روشەن بولمايدۇ، ھەر قانداق ياشتا كۆرۈلىدۇ.

ئادەتتە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى جىددىي قوزغالغان مەزگىلدە قۇلاق ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كېيىنكى مەزگىلدە يىرىڭلىق ئاجرالمىلار پەيدا بولىدۇ. يىرىڭلىق ئاجرالمىلار ناغرا پەردىنىڭ تېشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى كىلىنىكىدا يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا قۇلاقتا ياللۇغ پەيدا بولۇپ، يەتكۈزۈش رولى تەسىرگە ئۇچراپ، شۇڭا ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

1. قۇلاقنى خالىغانچە كوچىلىماسلىق كېرەك.

قۇلاق قۇلاق چىقىرىندىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ قۇلاق چىقىرىندىسى قۇلاقنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا قۇلاقنى خالىغانچە كوچىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر قۇلاق چىقىرىندىسىنى ئېلىۋەتسىمۇ كۈچەپ كەتمەسلىك لازىم، بولمىسا قۇلاق يولى تېرە شىللىق پەردىسى ۋە سۆڭەك پەردىسىدە زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ ۋە ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

2. سۇنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

سۇ قۇلاققا كىرگەندىن كېيىن ناغرا پەردە غىدىقلىنىپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يۇيۇنغاندا باش يۇيۇش، سۇ ئۈزگەندە قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، قالپاق كىيىش، قۇلاق پۇرۇپكىسىنى (耳塞) ياخشى كىيىش كېرەك.

3. بۇرۇننى تۈرگەندە دىققەت قىلىش كېرەك

بۇرۇننى تۈرۈشتە بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى تەرەپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ، زىيادە كۈچىگەندە ماڭقا يۇتقۇنچاق قانىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا قۇلاق شىللىق پەردىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى تۆۋەنلىتىش، ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ چېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇلاق بىئارام بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنسە، ياللۇغنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

5. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش

ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

6. بالا ئېمىتىشتە بېشى ئېگىز، پۇتى پەس بولۇش ئۇسۇلى قوللىنىش

بالىلار سۈت ئىچكەندە بېشى ئېگىز، پۇتى پەس بولۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سۈت يۇتقۇنچاق نەيچىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاققا كىرىپ، ئوتتۇرا قۇلاق شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ ياللۇغ پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى گەرچە كۆپ ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا قۇلاق ئاغرىش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ۋە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىقلارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/18479487.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-11-01 / 08:17:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ