قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى ( Otolaryngology ) يەنە قۇلاق، بۇرۇن ، يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك بۆلۈمى ۋەياكى بەش ئەزا بۆلۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مەخسۇس قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك ۋە مۇناسىۋەتلىك باش – بويۇن قىسمىدىكى كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان تېببىي تارماق بۆلۈم. بۇ بۆلۈمدە ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، نەپەس يولى ئىقتىدارىدىن تارتىپ سۆزلەش ۋە يۇتۇش ئىقتىدارىغىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل. قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى دوختۇرلىرى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بولۇپ، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەردىن تارتىپ مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرگىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، مەسىلەن، قۇلاق يولى ۋەيا پەردىسى يۇقۇملىنىش، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، ئاۋاز پەردىسى مەسىلىسى ۋە باش، بويۇن قىسمىدىكى ئۆسمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىلگىرى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، قۇلاق بۇرۇن بوغۇز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىر يەردە بولغاچقا، بەش ئەزا بۆلۈمى دەپ ئاتىلاتتى. ھازىر بۇ بۆلۈملەر ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغاچقا، بەش ئەزا بۆلۈمى ئىسمى بىرقەدەر ئاز ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى , بەش ئەزا بۆلۈمى , قۇلاق بۇرۇن كىكىردەك يۇتقۇنچاق بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Otolaryngology, Ear nose throat department, ENT dept.
تۈركچە ئىسمى: Kulak burun boğaz hastalıkları bölümü, KBB bölümü
خەنزۇچە ئىسمى: 耳鼻喉科
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
قۇلاق كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق قېتىشىش كېسىلى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش.
بۇرۇن كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، بۇرۇن ياللۇغى ( زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك بولمىغان )، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، بۇرۇن مونچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىش ۋە بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى قىيسىيىپ قېلىش.
كېكىردەك ، بوغۇز كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، كېكىردەك ياللۇغى، ئاۋاز پەردىسى تۈگۈنچىسى ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغى.
باش – بويۇن كېسەللىكلىرى : مەسىلەن، بويۇن قىسمىدا مونەك پەيدا بولۇش، بەزسىمان تەنچە يوغىناش ۋە بادامبەز ياللۇغى.
تەڭپۇڭلۇق توسقۇنلۇققا ئۇچراش : مەسىلەن، باش قېيىش كېسىلى ( قۇلاق تېشى كېسىلى )، مېنىئېر كېسىلى ۋە ياخشى سۈپەتلىك تۇتقاقلىق ئورۇن خاراكتېرلىك باش قېيىش.
باشقا كېسەللىكلەر
قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىگە كۆرۈنىدۇ؟
ئەگەر تۆۋەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش تەكلىپىنى بېرىمىز:
قۇلاق قىسمىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى : دائىم ياكى توساتتىن قۇلاق ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ياكى يوقىلىش.
بۇرۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى : دائىم بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، داۋاملىق ماڭقا ئېقىش، بۇرۇن قاناش، پۇراش سېزىمى يوقىلىش.
گال ۋە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىك ئالامەتلىرى : مەسىلەن، داۋاملىق گال ئاغرىش، ئاۋازى بوغۇلۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش ياكى يۇتقۇنچاق – كېكىردەككە بىر نەرسە باردەك تۇيغۇ بېرىش.
باش – بويۇن قىسمىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى : مەسىلەن، بويۇن قىسمىدا مونەك پەيدا بولۇش، يۈز قىسمى ياكى بويۇن قىسمى ئاغرىش، باش قېيىش ۋە تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى.
باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر
قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيە مەسئۇلىيەتلىرى
قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
دەسلەپكى دىئاگنوز قويۇش ۋە باھالاش : كېسەللىك تارىخىنى سوراش ۋە بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەسىلىسىگە دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ بېرىش: مەسىلەن:ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ،ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش ،بۇرۇن كاۋىكى CT ۋە بۇرۇن – يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى MRI قاتارلىقلار.
باشقۇرۇش ۋە داۋالاش : دورا بىلەن داۋالاش، تاجاۋۇز قىلىپ كىرمەيدىغان (ئوپىراتسىيىسىز) داۋالاش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىمارلارغا تەربىيە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى : قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش، مەسىلەن، ئانافىلاكتوگېندىن ساقلىنىش، قۇلاقنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش قاتارلىقلار.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى پەرۋىش ۋە زىيارەت قىلىش : ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى پەرۋىش ۋە زىيارەت قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىدە كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللىك ۋە ئالامەتلەر
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىنىڭ جىددىي داۋالاش كېرەك بولغان ئالامەتلەرۋە كېسەللىكلەر ئەھۋالى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئۆتكۈر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى : بولۇپمۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى قۇلاق قاتتىق ئاغرىش ۋە قىزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇرۇن قاناش ( بۇرۇن ) : تاشقى يارا، يۇقىرى قان بېسىم ياكى قان ئۇيۇشقا قارشى داۋالانغان بىمارلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
يۇتقۇنچاق – كېكىردەكتىكى يات ماددا : يېمەكلىك، بېلىق قىلتىرىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېكىردەك ياكى ھاۋا يولىغا قىسىلىپ قالسا، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
ھاۋا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى : زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، يۇقۇملىنىش ياكى يات نەرسىلەرنى سۈمۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا دەرھال ئارىلىشىش كېرەك.
تۇيۇقسىز ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىش : جىددىي باھالاپ ۋە داۋالاپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
باشقىلار…
يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، قۇلاق،بۇرۇن ، بوغۇز بۆلۈمىگە نومۇر ئېلىپ، نومۇر ۋاقتىنى ساقلاپ ئولتۇرماستىن، ئۇدۇل جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى دوختۇرلار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، قۇلاق بۇرۇن بوغۇز بۆلۈمى دوختۇرىغا خەۋەر بېرىدۇ.
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى تارىخى
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىنىڭ تارىخىنى 19 – ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى قۇلاق، بۇرۇن ۋە كېكىردەكتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە كېسەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان.
J.Chevalier Jackson ھازىرقى زامان قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇن دەسلەپكى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ ، قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ ئوپېراتسىيەسىنى تېخىمۇ توغرا ۋە بىخەتەر قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىرقى زامان قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى تېخنىكىسى ۋە مىكرو ئوپېراتسىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلىپ، قۇلاق قۇلۇلىسىنى كۆچۈرۈش ۋە باش، بويۇن قىسمىدىكى راك كېسىلىنى كېسىپ ئېلىۋېتىشتەك تېخىمۇ مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرنى قىلالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشكە باشلىدى.
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى دائىم كۆرۈلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرلىرى
قۇلاق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش : قۇلاق يولى ۋە ناغرا پەردىسىنى تەكشۈرۈش.
بۇرۇن ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش : بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن كاۋىكىنى باھالاش.
كېكىردەك ئەينىكىدە تەكشۈرۈش : كېكىردەك ۋە ئاۋاز پەردىسىنى تەكشۈرۈش.
ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناش : ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىقتىدارى ۋە ئاڭلاش سېزىمىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى باھالاش.
تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش : مەسىلەن:CT ،MRI قاتارلىقلار ئاناتومىيە قۇرۇلمىسى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تەپسىلىي باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر..
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى دائىم ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى:
دورا بىلەن داۋالاش : مەسىلەن، ئانتىبىئوتىك، ھىستامىنغا قارشى دورىلار، ستېروئىد قاتارلىقلار.
ئوپېراتسىيىسىز داۋالاش : مەسىلەن، قۇلاق نەيچىسىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان قۇلاق نەيچىسىنىڭ شارسىمان خالتىسىنى كېڭەيتىش ئوپېراتسىيىسى.
ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش : مەسىلەن، قۇلاق ئوپېراتسىيەسى ( ناغرا پەردىنى ياماش ئوپېراتسىيەسى )، بۇرۇن كاۋىكى ئوپېراتسىيەسى ( ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى ئارقىلىق بۇرۇن كاۋىكى ئوپېراتسىيەسى ) ۋە كېكىردەك ئوپېراتسىيەسى ( ئاۋاز پەردىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ) قاتارلىقلار.
باشقا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى…
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمىدە كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوپېراتسىيىلەر:
بادامبەزنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى : تەكرار بادامبەز ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى : ئېغىر دەرىجىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ قىيسىيىپ قېلىشىنى تۈزەش ئوپېراتسىيىسى : بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشىنى ياخشىلايدۇ.
قالقانسىمان بەزنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى : قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
باشقا ئوپىراتسىيىلەر…
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى
دۇنياغا داڭلىق قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
مايو ئامبولاتورىيەسى ( Mayo Clinic ) ( ئامېرىكا ) : ئومۇميۈزلۈك قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك بۆلۈمى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بولۇپمۇ قۇلاق ۋە باش – بويۇن قىسمى ئوپېراتسىيەسى ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە.
جون خوپكىنس دوختۇرخانىسى ( Johns Hopkins Hospital ) ( ئامېرىكا ) : باش – بويۇن راكى ۋە قۇلاق كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسى ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە.
كىلىۋېلاند ئامبولاتورىيەسى ( Cleveland Clinic ) ( ئامېرىكا ) : قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك بۆلۈمى ۋە باش – بويۇن قىسمى ئوپېراتسىيەسى جەھەتتە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە.
چالىن كرېست دوختۇرخانىسى ( Charit – Universit tsmedizin Berlin ) ( گېرمانىيە ) : ياۋروپادا ئىنتايىن داڭلىق، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىدىكى مۇرەككەپ كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر.
خان جەمەتى قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ( Royal National Throat ،Nose and Ear Hospital ) ( ئەنگلىيە ) : قۇلاق – بۇرۇن – بوغۇز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى تەتقىقاتى ۋە كىلىنىكا ئەمەلىيىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى قوشۇمچە مۇھىم نۇقتىلىرى
قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمى يەنە ئۇيقۇ توسالغۇسى ( مەسىلەن، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش )، باش، بويۇن قىسمىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە كاناي، قىزىلئۆڭگەچ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
قۇلاق، بۇرۇن، بوغۇز بۆلۈمى باشقا مەخسۇس بۆلۈملەر ( مەسىلەن، نېرۋا بۆلۈمى، ئۆسمە بۆلۈمى ) بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ، بولۇپمۇ باش، بويۇن قىسمىدىكى مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، كۆپ خىل پەنلەر ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە ۋە ماشىنا ئادەم قوشۇمچە ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، داۋالاش ئۈنۈمى ۋە بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.