توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان 10 «ساغلاملىق ئۆتكىلى»، ئەر ۋە ئاياللار ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ساغلاملىقتىن مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئوخشاش بولمىغان ساغلاملىق كىرىزىسىغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 500 يىل ئىلگىرىلا ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تېببىي ئالىمى جاڭ جىڭيۆ «ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش» توغرىسىدىكى ئۆزىنى ئاسراش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۈگۈن بىز ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان، ھەممەيلەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بولغان 10«ساغلاملىق ئۆتكىلى»نى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
1. گۆشنى بەك كۆپ يېيىش ئۈچ يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گۆشنى بەك كۆپ يېگەنلىكتىن ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر مىليون يۈرەك كېسىلى بىمارى كۆپىيىدىكەن، شۇنداقلا بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەسكەن.
تەۋسىيە: ھەر قېتىملىق تاماق ۋاقتىنى 40 مىنۇتتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، ئاڭلىق ھالدا كۆكتات، پۇرچاق ۋە ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، قارا گۆش ۋە ھاراقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.
2. تاماكا چېكىش يۈرەك ۋە ئۆپكىگە زىيانلىق
40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ئۆپكە ۋە يۈرەك ئىقتىدارى تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 65 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە سەكتىسىنىڭ خەتىرى 65 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
تەۋسىيە: تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا شۇنچە ياخشى، بۇنىڭ ئۈچۈن دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇراش، يىغىلىش سورۇنلىرىغا ئاز بېرىش، تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشلىسا بولىدۇ.
3. ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
220 مىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن 11 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچراشقان ئەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %40 ئاشقان.
تەۋسىيە: ھەر سائەتتە بەش مىنۇت كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلىكتورۇنلۇق ئۈسكۈنىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
4. بېسىمغا سەل قارىسا ئاسانلا پىسخىكا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ
ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر «ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش» تەك قوش بېسىم ۋە قېرىشتىن ئىبارەت ۋەھىمىگە دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ئاسانلا پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلىدۇ.
تەۋسىيە: ئەرلەر بالىلاردىن ئاددىي-ساددا بولۇشنى، ئاياللاردىن ھېسسىياتچان ۋە قىزىقارلىق بولۇشنى كۆپرەك ئۆگىنىشى كېرەك.
5. بويتاق ئەرلەرنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ
كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بويتاق ئەرلەر (ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن) نىڭ 40 ياشتىن ئاشقاندا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ۋە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
تەۋسىيە: بويتاق ئەرلەر دائىم ئۆزىنى ئەسكەرتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشى كېرەك.
6. ئائىلە بېسىمى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ
40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى بالىلىرى ۋە ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك قوش بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ئەمگەك ۋاقتى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
تەۋسىيە: ئەر بولغۇچى ئايالىدىن مىننەتدار بولۇپ، دائىم رەھمىتىنى بىلدۈرۈشى ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشى كېرەك.
7. تاماقنى كۆپ يېسە سەمىرىپ كېتىدۇ، ئاز يېسە تېنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ
تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىلەر قارىغۇلارچە ئورۇقلاشنى قوغلىشىپ، گۆشسىز تاماقنى كۆپرەك يەيدۇ، ئەمما بۇ ئىچكى ئەزالار ئاجىزلاپ كېتىش، قان ئازلىق، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىلەر نەپسىنى باسالماي، سەمىرىپ كېتىدۇ.
تەۋسىيە: مايدا پىشۇرۇلغان ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى چۈشتە يېيىش، كەچتە سۇيۇق-سەلەڭ غىزالىنىش، كەچتە ئاز يېيىش، يەنى پەقەت سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇپ يېيىش كېرەك.
8. ئۇيقۇسى ناچار، قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئاياللارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا ئۇيقۇسىزلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى كىلماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، تۇرمۇشتىكى ھېسسىيات، ئائىلە مۇناسىۋىتى، كېسەللىك قاتارلىقلار.
تەۋسىيە: ئۇخلاشتا «ئاۋۋال يۈرەك، ئاندىن كۆز ئۇخلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، يەنى كەچ سائەت 9 دىن كېيىن كەيپىياتنى تىنچلاندۇرۇپ، ۋەقەلىكى جىددىي، قايغۇلۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرمەسلىك كېرەك. كەچ سائەت 11 دە دەل ۋاقتىدا ئۇخلاپ، كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە «ئالتۇن يەتتە سائەتتە ئۇخلاش»قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
9. ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىزلاپ كېتىدۇ
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئىزچىل كۈنىگە 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا راك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەۋسىيە: ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، پۇتنىڭ تېگى قىززىغۇچە مېڭىش، مەيدانغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، تىكتاك توپ ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
10. ھاراق، تاماكا دېۋەڭلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھورمون، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاراق ئىچىشنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن.
تەۋسىيە: ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئىستاكان قىزىل ھاراق ئىچىش، تاماكىنى تاشلاش كېرەك. چۈنكى مەيلى قايسى ۋاقىتتا تاماكا تاشلىسۇن، ئىككىنچى يىلى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ، مېڭە سەكتىسى، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەختىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئادەمنىڭ ھاياتى ھەر ۋاقىت ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، فىزىيولوگىيە جەھەتتە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقى بىر قانچە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدىكەن، بۇ بىر قانچە قىيىنچىلىق ئەڭ ئاسان يۈز بېرىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6009467.shtml