ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىئوتتۇرا ياشلىقلار سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بۇ بەش ئىشنى ئازايتىڭ

ئوتتۇرا ياشلىقلار سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بۇ بەش ئىشنى ئازايتىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئوتتۇرا ياش ھاياتتىكى مۇھىم ئۆتكەل. بالىلارنىڭ تۇرمۇش غېمىنى يېيىش ۋە تۈرلۈك ھايات غەۋغالىرى بىلەن ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆزىنى ئاسانلا چارچىتىۋالىدۇ. ئەمما روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىق ئوتتۇرا ياشلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ياشلىقلار تۆۋەندىكى بەش ئىشنى ئازايتىشى كېرەك:

ئوتتۇرا ياشلىقلار سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بۇ بەش ئىشنى ئازايتىڭ

1. تاماكا چېكىشنى ئازايتىش ياكى تاماكا تاشلاش

تاماكا چېكىش ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆپكە راكى ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. تاماكا چېكىشنىڭ ئەكسىچە، تاماكا چېكىش مىقدارىنى كونترول قىلىش ياكى تاماكا تاشلاش تەبئىيلا ساغلاملىققا ئاكتىپ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.

2. ھاراقنى ئىچىشنى ئازايتىش ياكى تۈگىتىش

ياشلىقتا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاسانلا مۇھىتنىڭ تەسىرىدە خىزمەتداشلار ياكى دوست-بۇرادەرلەر بىلەن ھاراق ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئەمما بۇ خىل ناچار ئادەت جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى يەنە بىرقىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن ھاراقنى رەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

3. تۈنەشنى ئازايتىش

ياش مەزگىلدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئىقتىساد توپلاشقا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، بەزىدە ئىسمېنا قوشۇش ۋە تۈنەشكە توغرا كېلىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە بەدەن كۈچلۈك بولغاچقا، تۈنىگەندىن كېيىن بەدەنگە بولغان تەسىرى كۆپ بىلىنمەيدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ياشتىن بارغاندا ھەر قايسى ئەزا ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارغانلىقى ئۈچۈن، تۈنىگەندىن كېيىن ئاسانلا باش قېيىش، باش ئاغرىش ۋە روھىي جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ياشنىڭ چوڭىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تۈنەشنى ئازايتىش بىلەن بىرگە قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

4. ئۇزاق ئولتۇرۇشنى ئازايتىش

ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى رەت قىلىپ، تەبىئىيلا ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشنى تاللايدۇ. ئەمما ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرغاندا مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى، قەۋزىيەت، راك قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

5. ئاغرىنىشنى ئازايتىش

كونىلاردا «ئادەم چوڭ بولغانچە مىجەزى بالىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، روھىي ھالەت ۋە كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ئاغرىنىش ۋە غەزەپلىنىشنى ئازايتىپ، ئىشلارغا سوغۇققان ۋە كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق روھىي ئازادىلىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

قىسقىسى، ئوتتۇرا ياشتا يەنىلا ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بىرقىسىم ئىشلارنى دەپ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئۇتتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17924114.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ