بۇ تۈردىكى تۇتقاق قوزغىلىشلاردا بولسا، مېڭىنىڭ بىر قىسىمدىن چىققان بىنورمال ئېلېكترىك ئېقىملار مېڭىنىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ ئاز تولا تەسىر كۆرسەتكەچكە، بىماردا قىسمەن ئەس ھوشىنى يوقىتىپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەدەندىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۇتقاق تۇتۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ:
- ئېغىز كالپۇك تىترەش.
- كۆز قارىچۇغى تىترەش ياكى روھسىز كۆرۈنۈش.
- غەلىتە ئاۋاز چىقىرىش.
- قولىنى ئۇۋىلاش.
- قولىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈش.
- كىيىمنى تارتىش.
- تۇيۇقسىز چايناش ياكى يۇتۇش ھەرىكىتىنى قىلىش.
- ئەتراپتىكى بويۇملارنى قالايمىقان تۇتۇش.
- قولىدا تۇتۇپ تۇرغان جىسىم (تېلېفون، ئىستاكان) چۈشۈپ كېتىش.
- باشقىلار…