مېخانىكىلىق بىلەكنى كونترول قىلىش : پالەچ بولۇپ قالغان بىمارنىڭ ھىس سېزىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى يېڭى ئۈمىد
تايمس تورى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى
يېقىندا پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ ئەقلى خىيالى ئارقىلىق مىخانىك بىلىكىنى كونترول قىلىش تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىلگىرلەش بولدى. تەتقىقاتچىلار يادرو ماگنىتلىق رېزونانسى ئارقىلىق پالەچ بولۇپ قالغان بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سىكاننېرلاپ، قولنىڭ ھەرىكىتى ۋە سېزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان رايوننى بېكىتكەن ھەمدە بۇ رايونلاردىكى كىچىك ئېلېكتىر قۇتۇپلارنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرگەن. بۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق، بىمار تېگىش سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىرادە ئارقىلىق مېخانىكىلىق بىلەكنى كونترول قىلالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قاتناشقۇچى Scott Imbrie بولۇپ، تەجرىبىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىرادە ئارقىلىق مېخانىكىلىق بىلەك بىلەن كونترول قىلىپ تۇرۇپ رول باشقۇرغان ۋە مەۋھۇم ھەيدەش سىنىقىدا ئاپتوموبىلنىڭ تۈز لىنىيەدە يۈرۈشىنى ساقلىيالىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى نېرۋا ئىلمى ۋە بىيولوگىيە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق بۆسۈش بولۇپ، كەلگۈسىدە پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات «پەن-تېخنىكا» ژورنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقات كوللېكتىپى ئالدى بىلەن يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سىكاننېرلاپ، قولنىڭ ھەرىكىتى ۋە سېزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رايونلارنى بېكىتكەن. ئارقىدىن، بۇ رايونلارغا نەچچە ئون كىچىك ئېلېكتىر قۇتۇپى ئورنىتىلغان. تەتقىقاتچىلار مۇناسىۋەتلىك مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى توغرا غىدىقلاش ئارقىلىق بىمارنىڭ تېگىش سېزىمىنى، مەسىلەن قۇتا، قەلەم، شار قاتارلىق جىسىملارنىڭ شەكلى ۋە ئېغىرلىقىغا بولغان توغرا ھىس تۇيغۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغىغان، بۇ نەتىجىلەر، چوڭ مېڭىنى غىدىقلاش تېخنىكا جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا باشلىدى دىسىمۇ بولدىكەن.
تەتقىقات يەنە مېڭە سىگنالى بىلەن مېخانىكىلىق بىلەكنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى، مېڭە سىگنالى ئارقىلىق مېخانىك بىلەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋھۇم ھەيدەش سىنىقىنى تاماملىيالىغان. تەجرىبىدە، ئۇ ئۆز ئەركىن خىيالى ئارقىلىق رولنىڭ ئېغىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ ، %80 ۋاقىت ئىچىدە ئاپتوموبىلنىڭ تۈز لىنىيەدە يۈرۈشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېخانىك بىلەكنىڭ تېگىش سېزىمى ئۇنى بەدەننىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغاندەك ھېس قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ خىل تۇيغۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.

تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ خىل تېخنىكىنىڭ پالەچ بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان، مەسىلەن، تاماق ئېتىش، مال سېتىۋېلىش، ھەتتا ئاپتوموبىل ھەيدەش دېگەندەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نەتىجە يۇلۇن زەخىملەنگەن بىمارلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇستەقىل بولۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىكەن. لېكىن، نۆۋەتتە بۇ خىل تېخنىكا تېخى ئومۇملاشمىغان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ۋە يۇقىرى خىراجەتنى تەلەپ قىلغاچقا، ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ خىل يۈكنى ئۈستىگە ئېلىشى تەسكە توختايدىكەن.
گەرچە ماددىي جەھەتتە خىرىس مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئالىملارنىڭ ئۈزۈكسىز تىرىشىشى ئىلغار مېڭە ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، بىمارلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بۇ بەلكىم بىر يېڭى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
مەنبە:
The paralysed people moving robotic arms with their minds


