ئاددىي سۆڭەك خالتىلىق ئىششىقى
Simple bone cyst
basıt kemik kisti
单纯性骨囊肿
بىمار بىر ئاينىڭ ياقى ماڭغاندا ئوڭ پۇت بىلەك قىسمى ئاغرىق كۆرۈلۈش سەۋەپلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىدۇ. بىماردا يىقىلىش، پۇت قايرىۋېلىش ئەھۋاللىرى يوق، بىمارنىڭ ئوڭ پۇتىغا تارتىلغان رېنتىگىن يۇقارىدا بېرىلگەن بولۇپ، ئوڭ پۇت تىبىئا سۆڭەكنىڭ ئىچ قىسمىدا خالتىلىق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بۇ بىمارغا ماگىنىتلىق رېزونانس (MR) تارتىدۇ ۋە ئاددىي خاراكتىرلىك سۆڭەك خالتىلىق ئىششىقى ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلىدۇ. ھازىرچە ئوپىراتسىيە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، 3 ئايدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈش قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.