ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرمىھىر - مۇھەببەتنىكاھ تۇرمۇشىدا جېدەللەشمەڭ، كۆڭۈل يارىسىمۇ ساقىيىدۇ

نىكاھ تۇرمۇشىدا جېدەللەشمەڭ، كۆڭۈل يارىسىمۇ ساقىيىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە جېدەللىشىشى نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم بىر سەۋەب ئۇزاق مۇددەت ئازارلاشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار يېتىپ ھەم غورۇرىغا تاقىلىپ، نىكاھنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى زۆرۈر شەرتلەر تەدرىجىي يوقىلىدۇ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشنى ئازايتىش ئۈچۈن جېدەللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زىددىيەتنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىشى كېرەك

ھالبۇكى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ جېدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش قىيىن، ياخشىسى جېدەللىشىپ بولغاندىن كېيىن تېزلىكتە يارىشىۋېلىش ئارقىلىق نىكاھنى ساقلاپ قېلىپ، تۈگىمەس جېدەل ماجرا-پاتقىغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلانغان تۈزۈك.

جېدەل ماجرانى تېز تۈگىتىش: مۇبادا جېدەل چىقسا ئۇنى تېز ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ زىددىيەتنى پەسەيتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ناھايىتى پايدىلىق. ئەگەر سىزنىڭ توغرا بولسا جېدەلنى تېز ئاخىرلاشتۇرسىڭىز، كۆڭۈل -كۆكسىڭىزنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ خاتا بولسا سىز جېدەلنى تېز ئاخىرلاشتۇرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ خىجالەت بولغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. قارشى تەرەپمۇ ئۆزىنى بىلىپ دەرھاللا توختايدۇ، جېدەلنى تېز توختىتىش تېزرەك يارىشىۋېلىشقا پايدىلىق.

ھەر ئىككىسى يېڭىش: ئامېرىكىلىق داڭلىق نىكاھشۇناس ئېدۋېر ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا مەڭگۈ غەلبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئىككىسىدىن بىرسى يەڭمەكچى بولسا چوقۇم بىرسى يېڭىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، زىددىيەتنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە ھامىنى بىر تەرەپ يېڭىپ، يەنە بىر تەرەپنىڭ يېڭىلىشى مۇقەررەر. چۈنكى بۇ خىل يېڭىش-يېڭىلىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا چوڭقۇر سىڭىپ كېتىدۇ، شۇڭا يېقىن ئوبيېكتىنى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ھەر ئىككىيلەن يېڭىش. بۇ بىر جۈملە سۆز ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان، بەزى ئەر-خوتۇنلارنىڭ توختىماي جېدەللىشىشى يېڭىش يېڭىلىشنى تالىشىشتۇر.

تەشەببۇسكار بولۇش: بەزى ئەر-خوتۇنلار جېدەللىشىپ قالسا بىر-بىرىگە قېيدىشىپ گەپ قىلىشمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم بىر تەرەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن گەپ قىلىش ھەرگىزمۇ يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزنى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىشىۋېلىش پوزىتسىيەرىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، دېگۈدەك گەپ بولمىسىمۇ زورىغا گەپ تەشسىڭىز، قاتمال ھالەت تېزلىكتە تەڭشىلىپ، ھېسسىيات جەھەتتە تېزلا ئەسلىگە كەلگىلى بولىدۇ.

سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈش: جېدەل تۈگىگەندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىق بىلەن جېدەلنىڭ سەۋەبى، زىيىنى، ئۆزىنىڭ قايسى جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقى، قانداق يارىشىش كېرەكلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشى، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىشى، ئۆزىدىن كەتكەن بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ مۇھەببەت قولىنى سۇنۇشى كېرەك.

چىن كۆڭلىدىن كۈلۈمسىرەش كۈلۈمسىرەش ئاجايىپ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئەر-خوتۇنلار جېدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق پەيتتە قارشى تەرەپكە چىن كۆڭلىدىن كۈلۈمسىرەپ قويسا، ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.

جېدەلنى پەسەيتىش: ئەر-خوتۇنلار جېدەللىشىپ قالغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

مەسىلىنىڭ چېكىنى بېكىتىش، كونا خاماننى سورىماسلىق؛

قارشى تەرەپنى ھەرگىز ئۇرماسلىق؛ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەسلىك ياكى قىيىن ئەھۋالدا قويماسلىق؛

ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:30:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ