تاماكا چېكىش ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ئىجتىمائى ھادىسە، ئەمما ئۇنىڭ ئشلەپچىقرىلىشى ۋە ئىستىمال قىلنىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغاۋاتقان ئىجتىمائى مەسلە
بۇنىڭ سەۋەبى، كىشلەر تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى تەدرىجى تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئورتاق تۇنۇشقا كەلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىردىلا تەتقىقاتچىلار ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بۇلۇشنىڭ تاماكا چېكىش بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاماكا چېكىش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندى، ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشلەرنىڭ يىتەرلىك دىققەت ئىتبارىنى قوزغىمىغانىدى.
تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىش دەرىجىسىنىڭ كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
مېدىتسىنا، گېگىنا ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلار تاماكىنى «20- ئەسىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك» ، يەر شارىدىكى « ئەڭ زور ئامىۋى سەھىيە مەسلىسى » دەپ ئاتىدى.
شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاماكا چېكىشنى تېزگىنلەش دولقۇنى قوزغىدى، تاماكا چېكىشنىڭ زىينىغا ئۇچىرغان « بەگىلەر » تاماكا تاشلىدى. ئەمما تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىككە گېرىپتار بۇلۇش ئارلىقىدا مەلۇم ۋاقىت بولغاچقا، بەزى « بەڭگى » لەر يەنىلا ئويغانمايۋاتىدۇ.
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ ئالىملار ھايۋاناتنى سىناق قىلىش، ئادەم تىننى ئاناتومىيلىك تەكشۈرۈش ۋە سىتاتسىكا قىلىش ئارقىلىق، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەمىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندە نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسلەن، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئۆپكە راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىشىقىغا گېرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 3~6 ھەسسە، يۈرەك تاجىسىمان ئارتىريەسى بوتقىسىمان قېتىش كېسىلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى 5~10 ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ئۆپكە تۇقۇلمىلىرى ھال رەڭ ياكى قىزىل، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ بولسا ئىلاستىكىلىغى ئىنتايىن ناچار ھەم قارا بولىدۇ، ئۆپكە- كاناي بوشلىقىدا كۆپ مىقداردا كاربۇن زەرىچىلىرى بار قۇڭۇر رەڭلىك بەلغەم پەيدا بۇلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۇلىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە- كانىيى خۇددى تۇرخۇنغا ياكى مەش كانىيغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېسللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئۈلۈمگە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالدىنىقى تۆت خىل كېسەللىك، يەنى يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، راك كېسىلى، مىڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سېستىمسى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى تاماكا چېكىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 90 پىرسەنتى، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 25 پىرسەنتى، نەپەس يۇلى سۇزۇلما كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 75 پىرسەنتى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، ئېغىز بوشلىقى راكى، ئاشقازان يارىسى، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە، يۇقۇرى قان بېسىمى، تۇتقاقلىق، بالدۇر تۇغۇش ياكى بالا كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن.
ھازىر دۇنيا بۇيچە ھەر يىلى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 مىليۇندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇنى جۇڭگۇدىكى « بەڭگىلەر» دۇر.
تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى مۇشۇنداق چوڭ بولسىمۇ، ئائىلىدىن جەمئىيەتكىچە ئادەم بار جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا تاماكا چېكىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئىقتىسادى زىياننى ھىساپلاپ كۆرەيلى، ھازىر دۆلىتىمىزدە 400 مىليۇن « بەڭگى» بار، ھەر بىر « بەڭگى » ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەكسە، بىر قاپ تاماكىنى 5 يۈەندىن ھېسپلىغاندا، بىر كۈندە 200 مىليۇن، بىر يىلدا 73 مىليارد يۈەن بۇلىدۇ. سىتاتسىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئازادلىقتىن كىيىنكى 40 يىلدا تەبئى ئاپەتلەر دۆلىتىمىزدە جەمئى 300 مىليارد يۈەن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان، بۇ يىلغا 7 مىليارد 500 مىليۇن يۈەندىن توغرا كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەبئى ئاپەتلەر پەيدا قىلغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆزىمىز پەيدا قىلغان تاماكا ئاپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يوق دىيەرلىك!
<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت