ئۇيقۇسىزلىق ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەك ، جىگەر ، تال ، ئۆپكە ، بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك
جىگەرنى ئىسسىق تۇتۇپ قېلىش : بېسىم ۋە ئىچى پۇشۇشتىن بولغان ئاچچىقلىنىش جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇھەمدە ئاچچىقلىنىش كۆپ قىسىم ھاللاردا ‹‹ ئىسسىق تۇتۇش›› قا ئۆزگىرىپ ، بەدەننى ئۇدا كۈچىيىش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئېشى ئارتىپ كېتىش : كونىلاردا ‹‹ ئاچلىقتىن توقلۇق يامان›› دەيدىغان گەپ بار . ئاشقازان ، ئۈچەي ياخشى كۈتۈلمىسە ، ئاشقازان بىئارام بولۇش ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇيقۇنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ .
يۈرەك مەنپىيلىكىنىڭ زەئىپلىشىشى : دائىم كېچىگىچە ئىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىگەندە ، بەدەندىكى ‹‹مەنپىي قۇۋۋەت›› ئاز ئازدىن قوراپ ، ‹‹مەنپىيلىك زەئىپلىشىش››كە ئۆزگىرىدۇ . بۇنداق بولغاندا بەدەن روھسىزلىنىپ ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايدۇ .
يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش: بۇ خىلدىكى كىشلەردە روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش ، كۆپ ئۇسساش ، چارچاش ، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش ھەم ئاسان ئويغىنىپ كېتىش كۆرۈلگەندىن باشقا ، يەنە ئاشقازىنى (ھەزىم قىلىش سىستېمىسى) ساقسىز بولۇشمۇ كۆرۈلىدۇ . مەسلەن ئىچى سۈرۈش ، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار .