قالقانسىمان بەز رولى يۇقىرىلاپ كېتىش
يەنە بىر ئاتىلىشتا قالقانسىمان بەز زىيادە ئىشلەپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى زىيادە كۆپىيىپ كېتىشمۇ دىيىىدۇ.
甲状腺功能亢进
hyperthyroidism, hipertiroidi
قالقانسىمان بەز يۇقىرىلاپ كەتكەندە ئوزۇقلۇقتا قانداق دىققەت قىلىش كېرەك؟
- تاماق رېتىملىق بولۇش.
- تۇز بولۇپمۇ يۇد مىقتارىنى ئازايتىش. ياكى يۇد مىقتارى تۆۋەن بولغان تۇزنى ئىشلىتىش.
- لامنارىيە (خەيدەي) ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئىستمال قىلىش.
- ئوزۇقلۇقلار تەڭشەلگەن بولۇش. تۇز ئاز سېلىنغان سالاتالىق.
- تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
- بەدەن ئىممۇنىتىت كۈچىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، سامساق پىياز قاتالىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش.
- قوشۇمچە كىچىك ناشتىلىقنى تەييارلاپ قويۇڭ. (ئوغرىلىقچە يەۋىلىش ئىستىكى بارلار ئۈچۈن)
- ۋىتامىن تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
- سەمىرەلمىدى دەپ قوشۇمچە ئاقسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش لازىم. قارىغۇلارچە ئاقسىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلسا جىگەر ۋە بۆرەككە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
- مىۋىلەرنى كۆپ تۈرلۈك قىلىپ ئىستىمال قىلىش.