2000 يىللار ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە كىشىلەر بەزى بىمارلارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى، سۈيدۈك تامچىلىرى قۇرۇغاندىن كېيىن ئاپئاق ئۇنغا ئوخشاش بولۇپ قېلىپ، نۇرغۇن چۈمۈلىلەرنى جەلپ قىلىۋالغانلىقىنى، بۇنداق بىمارلارنىڭ سۈيدۈكىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن تاتلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇ مەزگىلدە بۇ كېسەللىك «ئوپقان كېسىلى» دەپ ئاتالغان غەرب ئەللىرىدىمۇ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېسەللەر بايقالغان بولۇپ «دىيابېت كېسەللىكى» دەپ ئاتالغان
ھازىر دەۋرىمىزە سۈيدۈكنى تېتىپ كۆرۈش ئارقىلىق دىياگنوز قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت خىمىيەلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق سۈيدۈك تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىنى تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ. يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈيدۈك ۋە قاندىكى قەنتنىڭ نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالدى.
قاندىكى قەنت مىقدارى نەچچىلىك يۇقىرى ئۆرلىگەندە ئاندىن «دىيابېت كېسىلى» دەپ دىياگنوز قويغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندە ئاندىن ئېنىقلاندى.تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارى ئۆرلىگەندە، قاندىكى قەنت مىقدارى نورمال قىممەتتىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇنىڭ سەۋەبى بۆرەكنىڭ ئازراقلا يۇقىرى بولغان قەنتكە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا، بۆرەك شارچىلىرى ئۆتكۈزگەن قەنتنى بۆرەك كاناللىرى قايتىدىن سۈمۈرۈۋالىدۇ، قاندىكى قەنت مىقدارى بەلگىلىك مىقدارىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەندە، بۆرەك كاناللىرى سۈمۈرۈپ بولالمىغان قىسمى سۈيدۈككە ھەيدىلىدۇ، بۇ خۇددى دەريادىكى سۇ تېشىپ قىرغاقلارغا چىقىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش.
ئاشۇ قىرغاقنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە بىز ئېيتىدىغان «بۆرەك قەنت پاسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۆرەك قەنت پاسىلى ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ. يېشى چوڭلارنىڭ يۇقىرىراق بولىدۇ. نورمال قىممىتى 10MMOL1/L بولىدۇ. قەنت سىيىشنى ئادەتتە دىيابېت كېسىلى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارى مەنپىي بولغاندا دىيابېت كېسىلى ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا دىيابېت كېسىلىگە دىياگنوز قويۇشتا سۈيدۈكتىكى قەنت مىقدارى ئارقىلىقلا چەكلىنىشكە بولمايدۇ.