ئۆت يولى كېسىلى بىلەن قەنت كېسىلى زىچ مۇناسىۋەتلىك قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىدا ئۆت خالتىسى يەللىكى، ئۆت تېشى كېسىلى دائىم كۆرۈلىدۇ ئەكسىچە ئۆت يولى كېسىلى ئاغرىقلىرىدىمۇ قەنت كېسىلى كۆرۈلىدۇ
ئۆت يولى كېسىلىگە قەنت كېسىلىنىڭ ئەگىشىپ كېلىشىدىكى سەۋەب، ئاناتومىيە ئامىلىدىن قارىغاندا، ئۆت نەيچىسى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ باش تەرىپىدىن ئۆتكەچكە، قورساق قىسمىدا توسۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەل ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەندە، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاشقازان ئاستى بېزىغا يېنىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ئۆت يولىغا كىرىپ، ئۆت يولى بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزى ئارىسىدا لىمفا ئارقىلىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆت خالتىسى يەللىكى، ئۆت تېشى كېسىلى ئاشقازان ئاستى بېزى يەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاندا، قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىدا ئۆت خالتىسى يەللىكى، ئۆت تېشى كېسەل ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆت خالتىسى يەللىكى كېسىلى نىسبەتەن ئېغىر بولۇپ، يۇقۇملانسا ئاسانلىقچە كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. قەنت كېسىلىگە گىرپتار بولغانلاردا ئۆت يولى كېسىلىنىڭ يامانلىشىشى بىر قەدەر كۆپىيىپ، ئۆت خالتىسى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.