توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
باش قېيىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە تۆۋەن قان بېسىم ياكى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا باش قېيىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپىنچە قان بېسىمىنىڭ تۇراقسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە ئاسانلا باش قېيىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر قان بېسىمى نورماللاشسا، بۇ خىل بىئارامسىزلىق ئالامەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.
ئەمما يېقىندا يەنە نۇرغۇن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۆزىنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئەمما يەنىلا دائىم بېشى قايغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ زادى قانداق ئىش؟ تۆۋەندە بىز بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى!
بىمار ئالدى بىلەن مۇنداق بىر قائىدىنى بىلىشى كېرەك، باش قېيىش ھەقىقەتەن قان بېسىمى نورمال بولماسلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى، لېكىن باش قېيىشنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن بولغان ئەمەس. مەسىلەن: ئۆپكە راكى بىمارلىرىدا دائىم يۆتىلىش ۋە دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. لېكىن تۇرمۇشتىكى بارلىق يۆتىلىش ۋە دېمى سىقىلىش ئەھۋاللىرى ئۆپكە راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەنلىك ئەمەس؛ يەنە مەسىلەن: زۇكام، تاماكا ئىسىدىن قېقىلىپ كېتىش سەۋەبىدىنمۇ بەزىدە ئادەمدە دېمى سىقىلىپ يۆتەل پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.
ئەگەر قان بېسىمى نورماللاشقان بولسىمۇ، يەنىلا باش قېيىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغان بولسا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئويلىشىش كېرەك. بەدەن ئىزچىل بىر خىل قىياپەتتە خىزمەت قىلغاندا، مەسىلەن، كومپيۇتېر مەشغۇلات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار يېرىم كۈن قوپماي ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن دائىم بېشى قېيىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، بۇ ئەھۋال بەدەننىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشى ۋە قان ئايلىنالماسلىقتىن كېلىپ چىققان. شۇڭا باش قېيىش يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
قان بېسىمى نورمال بولسىمۇ نېمىشقا دائىم باش قايىدۇ؟
بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇزاق مۇددەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئىككى-ئۈچ سائەت ئولتۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ بېرىش، بەلنى سوزۇپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە كۆزنىڭ ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكەنلەرنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە بىر تەشتەك يېشىل ئۆسۈملۈك قويۇپ قويسا، ئادەمدىكى بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.
قان ئازلىق ئالامەتلىرى بار نۇرغۇن ئاياللار زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغاندا، دائىم كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، دەرھاللا بېشى قايغاندەك ھېس قىلىدۇ، باش قېيىش ئەھۋال بىر قەدەر يېنىك بولسا داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، لېكىن شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئۇزاققىچە باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولسا، يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەپ، قان ۋە تۆمۈرنى تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا تۆمۈر ئېلېمېنتى بىر قەدەر مول بولۇپ، بەدەندىكى قان ئازلىق ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، مۇناسىپ دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن كىشىلەردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە باش ئاغرىش، باش قېيىش چوڭ مېڭنىڭ پېشانىسىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ، يەنى ئادەمنىڭ مېڭىسى غىدىقلانغاندا، باش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولمىسا، ئادەتتە كۆپرەك ئارام ئېلىش، مېڭىنى زىيادە ئىشلەتمەسلىك، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولۇش، كەيپىيات تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. زىيادە ھاياجانلىنىش ياكى ئۆزىگە زىيادە بېسىم قىلىش باشنىڭ يېرىم ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسىدۇر.
يۇقىرىدا دېيىلگەن قان بېسىمى تۇراقسىز بولغان بىمارلاردا باش قېيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشمۇ كىشىلەردە ئوخشاشلا كېسەللىك ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ، قاندىكى ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ، قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە قانغا ئىگە قىلالمايدۇ. يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىپ، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ياغنىڭ قان تومۇرغا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17850133.shtml