توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قان تازىلاش تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، لېكىن قان ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆرەك مەنبەلىك سۆڭەك كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
بۆرەك مەنبەلىك سۆڭەك كېسىلى يۇقىرى ئۆزگىرىشلىك سۆڭەك كېسىلى، تۆۋەن ئۆزگىرىشلىك سۆڭەك كېسىلى ۋە ئارىلاشما تىپلىق سۆڭەك كېسىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، تۆۋەن ئۆزگىرىشلىك سۆڭەك كېسىلى يەنە سۆڭەك يۇمشاش كېسىلى ۋە ھەرىكەتسىز سۆڭەك كېسىلىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەرىكەتسىز سۆڭەك كېسىلى سۆڭەك ماددىسى ئازىيىش ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، تۆۋەن ئۆزگىرىشلىك سۆڭەك كېسىلى بۆرەك مەنبەلىك سۆڭەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان تازىلاش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، يۈز بېرىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قان تازىلانغان تەخمىنەن %40 بىماردا بىرىنچى يىلىلا سۆڭەك كېسىلى پەيدا بولۇپ، قان تازىلانغان بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ھايات قېلىش نىسبىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.
بۆرەك مەنبەلىك سۆڭەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۆڭەك شالاڭلىشىش ئاساسلىقى سۆڭەك ئاغرىش، ئاسان سۇنۇش، بويى پاكارلاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر قان تازىلىتىلغان بىماردا سۆڭەك ئاغرىش، مۇسكۇللار ماغدۇرسىزلىنىش ياكى سۆڭەك غەيرىيلىشىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بىماردا بۆرەك مەنبەلىك سۆڭەك كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئېغىرراق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ بىمارلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17864422.shtml