ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىششاۋقۇنمۇ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن

شاۋقۇنمۇ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاماقنى كۆپ يېيىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، بېسىم ئېغىربولۇش… بۇلارنىڭ ھەممىسى سېمىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب. يەنە بىر سەۋەبنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ شاۋقۇن. شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي داشۆسىنىڭتەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بېسىقتاشيول بۆلەكلىرى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىياكى تۆمۈر يول ئەتراپىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ تىنچراق رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شاۋقۇن ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاۋقۇن سەگەك ۋاقتىڭىزدا سالامەتلىككەتەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھەتتا ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەنگلىيە لوندون داشۆسىروھىي كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ پىروفېسسورى ستېفستانسفېلد چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: شاۋقۇن ئادەم بەدىنىنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە ھورمۇن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ، قان بېسىمئۆرلەيدۇ، شۇنداقلا ماينىڭپارچىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» شاۋقۇننىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان بىر قانچە ئەسكەرتىش بىلەن تەمىنلىگەن: 1. يېشىل ئۆسۈملۈك سېتىۋېلىش، ئۆسۈملۈكلەر ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىپ، شاۋقۇننى ئازايتىدۇ؛ 2.شاۋقۇنلۇق مۇھىتتىن قېچىش، مەسىلەن، باغچىغا بېرىش ياكى ئۆيدىكى ھاجەتخانىدا دالدىلانغاندا،جىمجىتلىقتىن بىر پەس بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؛ ئەنگلىيە ئاڭلاش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسى لارف خوم مۇنداق دېدى: 10-15 مىنۇتقىچە قىسقا دەم ئالغاندىمۇ، ئىچكى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش تۈك ھۈجەيرىلىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نائۇشنىك تاقىغاندا ئاۋازنى 15-35 دېتسىبېلغىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ