قان تومۇر بوتقىسىمان توسۇلۇش
قان نوكچىسى
قان تومۇر سىرتتىن بېسىلىش
قان نوكچىسى سەۋەبلىك قان تومۇر توسۇلۇش، كەپلىشىش
قان تومۇر ياللۇغى
قان تومۇر تارتىشىش، سپازىم بولۇش
ئادەم بەدىنى قان تومۇرلىرىدا پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان ئۆزگىرىشلەر
بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھەرخىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن.
قان نوكچىسى
血栓
thrombosis
بەدەننىڭ باشقا يېرىدە پەيدا بولغان قان نوكچىسى قان تومۇردا ئېقىپ يۈرۈپ، كىچىك تومۇرلارغا بارغاندا توسۇلۇش پەيدە قىلىشى مۇمكىن.
تومۇر بوتقىسىمان قېتىشىش
动脉粥样硬化
atheroma
ياشانغانلاردا، قاندا ماي يۇقىرى بولغانلاردا، سېمىزلاردا بۇ خىل قېتىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قان تومۇر قېتىشىپ، بۇرۇنقى ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
قان تومۇر توسۇلۇش، كەپلىشىش
栓塞
embolism
قان نوكچىسى سەۋەبلىك توسۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
تومۇر بېسىلىش
血管压迫
compression
تومۇر سىرتىدا بىرەر گۆش، ئۆسمە، ياكى سىقىلىپ قېلىش سەۋەبلىك قان تومۇردا بېسىلىش پەيدا بولسا، قان ياخشى ئاقالماي قالىدۇ.
تومۇر تارتىشىش
血管痉挛
spasm
بەدەندىكى ھورمون تەڭپۇڭسىزلىنىش سەۋەبلىك قان تومۇردا تارتىششىش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە، قان تومۇر قىسقىراش ياكى كېڭىيىش سەۋەبلىك قان بېسىمىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ ۋەيا قان ياخشى ئاقالماي قالىدۇ.
تومۇر ياللۇغى
血管炎
vasculitis
ھەرخىل كېسەللىكلەر، باكتېرىيە، ۋىرۇس، ئاۋتوئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك قان تومۇردا ياللۇغ پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
+1
+1
+1
+1
+1