قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟

0
1535
قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟

بالىڭىزنىڭ بىلىمى مول ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلامسىز ؟

ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ :

1) ھېكايە سۆزلەپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

2) شېئىر ئوقۇپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرغىلى ، ئەخلاقىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ .

3) ئويۇن ئويناپ بېرىش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ، بىلىمىنى بېيىتقىلى بولىدۇ .

4) سوئال سوراش ۋە كۆپ سوئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى ، مول نىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .

5) بىۋاستە كۆزىتىش . ئەمەلىي بويۇملارنى بالىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈشىگە قويۇپ بېرىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .

6) ئويۇن قويۇش . بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئوخشىمىغان روللارنى ئالدۇرۇپ ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلـتۈرگىلى بولىدۇ .

7) دوراش . بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقلىرىنى دوراشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ .

8) مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش . بۇ ئارقىلىق بالىلاردا توغرا – خاتانى ئايرىيالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here