ئەيدىزنىڭ كلىنكىلىق ئالامىتى كۆپ خىل بولىدۇ. ئادەتتە كېسەلدە دەسلەپ شامالداپ قېلىش، يۇقۇملۇق زۇكام بۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، پۈتۈن ئەزا ماغدۇرسىزلىنىدۇ، قىزىيدۇ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەل ئالامىتى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.
تېرە، تېرىنىڭ شىللىق پەردىسى كاندىدا ئالبىكانىس زەمبۇرۇغىدىن يۇقۇملىنىدۇ؛ قاپارتما ۋىروسى، سۆسۈن داغ، قانلىق ئىششىق، قانلىق قاپارتما، قان دېغى پەيدا بۇلۇپ. تېرىگە ئاسانلا زەخىم يېتىدۇ؛ يارىلىنىپ قالسا، قان توختىمايدۇ؛ كېيىن بۇ ئالامەتلەر ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك قىزىتما ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇچ–تۆت ئايغا سۇزۇلۇپ كېتىدۇ؛ يەنە يۆتەل، دېمى سىقىلىش، سوزۇلما خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈش، قان سىيىش، جىگەر، تال ئىششىپ يوغىناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ شۇنداقلا يامان خارەكتىرلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ.
ئاغرىقلاردا بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭلا كۆرۈلۈشى ناتايىن. ئادەتتە بىر ئاغرىقتا بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىر–ئىككىسى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مۇبادا بەدەننىڭ زەخمىلەنگەن ئەزاسى ئۆپكە بولسا، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش، مەيدە ئاغرىش، يۆتىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ؛ بەدەننىڭ زەخمىلەنگەن ئەزاسى قان تومۇرى بولسا، قان تومۇرىدا قان توسۇلۇپ قېلىش خارەكتىرىدىكى يۈرەك ئىچكى شىلىمشىق پەردە ياللۇغى كۆرۈلۈپ، قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خارەكتېرىدىكى مېڭىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ .
كېسەلنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يوشۇرۇن مەزگىلىدە ئەيدىز ئاغرىقلىرى نورمال كىشىلەردەك يۈرۈۋىرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتىېت سىستىمىسى داۋاملىق ئەيدىز ۋىروسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلىيالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەتتىكى كىشىلەردە كېسەل پەيدا قىلالمايدىغان كۆپ خىل كېسەل ۋىرۇسلىرى ئاغرىقلاردا شەرتلىك يۇقۇم پەيدا قىلىپ، مېڭە ئۆپكە، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە باشقا ئەزالاردا كېسەلنىڭ ئۆزگىرىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى يامان خارەكتىرلىك ئۆسمىلەرمۇ ئاغرىقلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان چاغدا باش كۆتۈرىدۇ .
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى