سىز كىتاب ئوقۇيدىغان ئانىمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت
سىز كىتاب ئوقۇيدىغان ئانىمۇ؟
ئابدۇرېھىم دۆلەت
پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن ئانىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى دەۋېرىشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك، بۇ ھەقتە تولا سۆزلەندى، تولا يېزىلدى. ھازىر ھەممىمىز مەيلى ئۆزىمىز كىتاب ئوقۇيلى ياكى ئوقۇمايلى، بۇ تېمىدا راسا ئوبدان بىر-ئىككى سائەت قاينىيالايدىغان بولدۇق.

سىز كىتاب ئوقۇيدىغان ئانىمۇ؟

خوش، دېمەك سىز بىر ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇلارنى بىلدىڭىز، چۈشەندىڭىز، ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىزنى بەلكىم بۇرۇنقىدىن ئوبدان ھېس قىلغانسىز، تونۇغانسىز. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىڭىزدىن بىرى ھەققىدە قىسقىچە پاراڭلىشىپ ئۆتەيلى. ئەلۋەتتە، ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرىنى ساناپ، سۆزلەپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، قىسقىغىنا بۇ يادىمىزدا دىققىتىمىزنى پەقەت بىرلا مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. قالغانلىرى توغرىلىق بەلكىم كېيىن توختىلىشىمىز مۇمكىن.
بىز دېمەكچى بولغان، ھەمدە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغان مەسىلە سىزنىڭ كىتاب ئوقۇش-ئوقۇماسلىق مەسىلىڭىزدۇر. بىز ھازىر سىزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق يا ئەمەسلىكىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرماي، پەقەت كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر ئانىغا، شۇنداقلا ئانا ئارقىلىق ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان تەربىيەۋى تەسىرلىرى ھەققىدىلا بەزى قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئۆتىمىز، بۇلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سىزنى كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتابنى سۆيىدىغان ئانىغا ئايلاندۇرالىساق مەقسىتىمىز ھاسىل بولغان بولىدۇ. تۆۋەندە بىز مۇھىم دەپ قارىغان بەزى تەرەپلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، رەت تەرتىپى كاللىمىزغا كەلگىنى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، مۇھىملىق دەرىجىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
1- مەيلى سىز كىتابنى بالىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئوقۇڭ، ياكى كىتاب ئوقۇش سىزنىڭ دائىملىق قىزىقىشىڭىز ھېسابلانسۇن، كىتابلا ئوقۇپ تۇرسىڭىز ئۆزىڭىزنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ تۇرالايسىز، بۇنىڭ بىۋاسىتە پايدىسى ئاۋۋال سىزنىڭ بالىڭىزدىن بۇرۇن سىزگە يېتىدۇ. خۇددى ئۆسۈملۈك، گۈل-گىياھلارمۇ سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك، ئادەممۇ ھەر دائىم ئوزۇقلىنىشقا، سۇغۇرۇلۇپ تۇرۇپ، ھەردائىم ئۆزىنى جۇشقۇن، يېڭى ساقلاشقا موھتاج. بەلكىم ھازىر بۇنىڭ كىتاب ئوقۇشتىنمۇ ئۈنۈملۈك، ئوڭاي، ئەرزان ئۇسۇلى بولمىسا كېرەك. بۇنىڭغا پەقەت سىزنىڭ ۋاقتىڭىزلا كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىز تولۇقلانغانسېرى، بىلىم دائىرىڭىز كېڭەيگەنسېرى سىزنىڭ ئويلىنىدىغان مەسىلىلىرىڭىزمۇ سەي-كۆكتات، كىيىم-كېچەك، ئۇپا-ئەڭلىك، توي-تۆكۈن ….قاتارلىق سان-ساناقسىز ئۇششاق مەسىلىلەردىن، ئاستا-ئاستا بىر قەدەر ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرگە ئالمىشىشقا باشلايدۇ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ سۈپىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، تۇرمۇشىڭىز بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتۈشكە باشلايدۇ. چۈنكى، ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ بىلگەنلىرىگە چۇشلۇق ھاياتتا ياشايدۇ، ھەر ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ ماقامىنى بىلگىنىگە ئاساسەن يارىتىدۇ.
2- يۇقىرىقىغا ئەگىشىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز، گەپ-سۆزلىرىڭىزدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. چۈنكى بىلىش مۇقەررەر يوسۇندا سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بالىڭىزغا، ئېرىڭىزگە ۋە باشقىلارغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشقا، ياكى شۇنداق قىلىشقا تىرىشىشقا باشلايسىز. كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىلىپ-بىلمەي ئۆزلەشتۈرىسىز، كىتاب ئوقۇش بىر ستېخىيلىك بىر جەريان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ تېزلا ئوكۇلدەك تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، كىتابنىڭ تەسىرى ئاستا بولىدۇ، ئەمما ئۈزۈل-كېسىل بولىدۇ. چۈنكى كىتاب ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى غىدىقلاشتىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ ئەقلىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزدە بالىلىرىڭىزنى ئىش-ھەرىكىتىگە نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ بىر ئىلمىي تونۇش شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ياكى ھېچبولمىسا، بالىلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئىش-ھەرىكەتلىرى كەسپىي پەنلەر تەرىپىدىن ئىلمىي چۈشەندۈرۈلسە، ئاسان چۈشىنەلەيسىز ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش كۆرەلەيسىز.
3- ئائىلىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە ئوينايدىغان رولى بەلكىم ئاشۇ ئائىلىنىڭ بالىغا تەمىنلىگەن مۇھىتىدا ئاندىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپسا كېرەك. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ چوڭ ئىشى ئۇلارغا ياخشى بىر ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشتۇر. چۈنكى، ئادەمنىڭ خاراكتېرى، ئادىمىيلىكى، ئەخلاقى ئەڭ دەسلەپتە دەل ئائىلىدە يارىتىلغان مۇھىت ئىچىدە قۇيۇلىدۇ. شۇنداق قارايمىزكى، بىر ئىنسان ئۈچۈن ساغلام پىسخىك ھالەت، دۇرۇس خاراكتېر، ئادىمىيلىك قاتارلىق سۈپەتلەر بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىمدۇر. مانا مۇشۇلار دەل ئائىلە ئىچىدە يارىتىلغان ئاتموسفېرا تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ. چۈنكى، كىچىك بالىلارنىڭ ئەمەس، چوڭ ئادەملەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمۇ مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ، مۇھىت تەسىرىدىن ھالقىغان ئادەم بولمايدۇ. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگىنىدەك، بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە مۇھىتىمۇ، دەل ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلىدە ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئۆز-ئارا مۇئامىلە، ئالاقىسىدىن شەكىللىنىدۇ.
دېمەك، مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئائىلىدە ئانىنىڭ كىتاب ئوقۇشى، دائىم قولىدىن كىتاب چۈشمەسلىكى ئائىلىدىكى ئىلمىي مۇھىتنى بەرپا قىلىدىغان ئامىلدۇر. گەرچە بىر ئانا كىتابنى بالىسىغا ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇماي پەقەت ئۆزىنىڭ ھەۋەس-قىزىقىشى ئۈچۈنلا ئوقۇسىمۇ، ئۇنىڭ مانا مۇشۇ پائالىيىتىدىن شەكىللەنگەن مۇھىت بالا ئۈچۈن ئىنتايىن ئىجابىي رول ئوينايدۇ. بالىڭىزنى ئىلىمغا قىزىقسۇن، كىتاب ئوقۇسۇن دېسىڭىز، ئاۋۋال سىز كىتاب ئوقۇڭ، ئائىلىدە شۇنداق كىتاب ئوقۇيدىغان بىر مۇھىت يارىتىڭ.
4- ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلنى ئوبدان ئۆگىنىشىنى، شېرىن زۇۋان بالا بولۇشىنى ناھايىتى ئۈمىد قىلىمىز. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئانا تىل بالىنىڭ تەپەككۇرىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. بولۇپمۇ بۇنىڭدا، ئانا تىلنىڭ بالىلىق دەۋردە ئىگەللىنىشى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىدۇر. مانا مۇشۇ ھالقىلىق مەسىلىنى كىتاب ئوقۇيدىغان ئانىلار، ئوقۇمايدىغان ئانىلارغا قارىغاندا، ئوبدان ھەل قىلالايدۇ. ھېچبولمىسا، كىتاب ئوقۇيدىغان ئانا بالىلىرىغا دەپ بېرىدىغان چۆچەك، مەسەلنى دەرھال تاپالايدۇ، يا كىتابتىن ئوقۇپ بېرىدۇ ياكى ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ. بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشىمىز مۇمكىن، ھازىرقى ياش ئانىلىرىمىز بۇرۇنقى مومىلىرىمىزدەك جىق چۆچەك بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىغا نېمە سۆزلەپ بېرىشنىمۇ بىلمەيدۇ. ئانا تىل ئەڭ ياخشى ئۆزلىشىدىغان مانا مۇشۇ بالىلىق مەزگىلدە، بۇ قەدىرلەنمىسە، كېيىنكى ھاياتتا بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش بەك تەس، ھەتتا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئانا تىل دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئاندىن ھەقىقىي چوڭقۇر ئۆزلىشىدۇ، سىڭىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ تىل ئارقىلىق مىللىي تۇيغۇ-ھېسلار بالىلىرىمىزغا توك ئۆتكەندەك ئۆتىدۇ. تىلىمىزنىڭ ئەڭ ساپ، ئەڭ گۈزەل جايلىرى بەلكىم دەل چۆچەكلىرىمىزدە بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تىل ئۇستازى ئانىسى، ئەڭ ياخشى تىل دەرسلىكى ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەللىرىدۇر. ئەلۋەتتە باشقا بالىلار ئەسەرلىرىمۇ ھەم مۇھىم. بىز ئاۋۋال بالىلىرىمىزغا تىلىمىزنى ياخشى ئۆگىتەلىسەكلا، باشقا نەرسىلىرىمىزنىمۇ ياخشى ئۆگىتىشكە ئاسان سالالايمىز. تىل بالىلىرىمىزنىڭ مېڭىسىگە ئېلىنغان ئېرىقتۇر، بۇ ئېرىقتا بىز نېمىنى ئاققۇزساق بالىلىرىمىز شۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ ۋە شۇ ئوزۇققا لايىق بالا بولۇپ چىقىدۇ.
5- ئانىلار بالىلىرىغا دەيدىغان گەپ، تەربىيە قىلىشقا ماتېرىيال تاپالايدۇ. بەلكىم ھازىر بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەيلى دېگەن ئىرادىگە كەلگەن نۇرغۇن ئانىلار، بالىلىرىغا قانداق چاغدا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭچە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئانىلاردىكى مانا مۇشۇ قىيىنچىلىقنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ناۋادا مەخسۇس بالىلار تەربىيەسىگە ئالاقىدار كىتابلارنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا ئادەتلەنسە، بۇنىڭ پايدىسىنىڭ تېخىمۇ زورلىقىدا گەپ يوق. ئانا پەقەت بالىسىغا ئۆزىدە بارنى بېرەلەيدۇ، ئەگەر تېخىمۇ رەڭدار، مول ئوزۇقلارنى بېرىشنى ئويلىسا، ئۇ چاغدا ئانىنىڭ ئاۋۋال ئۆزى كىتاب ئارقىلىق بۇ ئوزۇقلارغا ئېرىشىشى زۆرۈر بولىدۇ.
ئانىنىڭ كىتاب ئوقۇشىنىڭ پايدىسىنى كىچىككىنە تۆت -بەش نۇقتا بىلەن بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇنى يەنە كېڭەيتىپ يېزىش تامامەن مۇمكىن، بىراق، مۇشۇ يازمىمىز ئانىلىرىمىزنى كىتابقا قىزىقتۇرالىسا، كىتابنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرالىسا شۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. مانا ئەمدى ئانا بولغۇچى سىز يەنە كىتاب ئوقۇمامسىز ياكى ئەتىدىن باشلاپ ئوقۇشنى باشلامسىز؟ بۇ پەقەت سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭىزنىڭ قانچىلىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-09 / 11:49:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ