توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى سېرىق ياكى ئاق رەڭلىك پەردىدە پەيدا بولىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتتىق ئاغرىپ، گەپ قىلغاندا، سۇ ئىچكەندە ياكى بىر نەرسە يېگەندە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بەلكىم ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن، كرون كېسىلى ياكى يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى) ياكى ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەتتىن تەرەققىي قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە %80 ئېغىز بوشلۇقى يارىسى يېنىك يارا بولۇپ، بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە ساقىيىدۇ، ئەمما، %20 ئەتىراپىدىكىلىرى ئېغىر يارا بولۇپ، يارا تەڭگە چوڭلۇقىدا بولىدۇ، 4-6 ھەپتىدە ئاندىن ساقىيىدۇ ھەمدە تارتۇق قېلىشى مۇمكىن.
ئائىلىدە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ئاددىي ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى
1. ھەسەل
ھەسەل بەلكىم بىر كېچىدىلا ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ساقايتالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.
ھەسەلنىڭ ئاغرىق توختىتىش ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا ھەسەل سۈركىسە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، يارىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە قىزىرىش ئەھۋالى ھەمدە ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى تۆت قېتىم يارا ئۈستىگە سۈركەپ، ئۇدا بەش كۈن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
2. مۇز پارچىسى
مۇز پارچىسى ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى ساقايتالمايدۇ، لېكىن ئاغرىق ۋە ئىششىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سوغۇق ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ھەم ياللۇغنى ئازايتىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ.
3. ئالوي
ئالوينىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بولغاچقا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى تېخىمۇ تېز ساقايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا ئالوي سۈرسە ئاغرىقنى پەسەيتىپ، يارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدىكەن. چۈنكى ئالوينىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى بار ھەمدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ.
ھەر كۈنى ساپ ئالوي يېلىمىنى يارىغا ئۈچ قېتىم سۈرۈپ بەرسە بولىدۇ. يېڭى ئالوي ياكى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغاننى تاللاش كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار پەقەت تېرىگىلا ئىشلىتىلىدۇ. سۈركىگەندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە تاماق يېيىش ياكى سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش
ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالاۋاتقان مەزگىلدە بەزى يېمەك-ئىچمەكلەر ئېغىز يارىسىنى غىدىقلاپ، تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ ھەمدە ساقىيىش جەريانىنى ئاستىلىتىدۇ. ھەرقانداق تۇزلۇق، ئاچچىق، ئىسسىق، بولكا ياكى مېۋە شەربىتى، ئاپېلسىن، شوخلا، قارىمۇچ، قىزىلمۇچ تالقىنى ۋە كۇررى، ئىسپىرت، كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرى، شاكىلات، ئاناناس ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ئەگەر قايتا قوزغىلىش خاراكتېرلىك ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولسا، يارىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يېگەن-ئىچكەن نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق يوشۇرۇن باغلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
5. مازغاپسىز چىش پاستىسى ئىشلىتىش
ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قايتا قوزغالسا، چىش پاستىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.
6. ۋىتامىن
يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق يېتەرلىك تۆمۈر، سىنك ۋە ۋىتامىن B12نى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كېلىپ چىقسا، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىغاندا، ئېغىز يارىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى ئازايتقىلى، ھەم ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. تەركىبىدە بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەردىن گۆش، ئۆي قۇشلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى. گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، دانلىق زىرائەت، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، ناشتىلىقتا ئارپا ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى يېسە بولىدۇ.
7. تاۋۇز مەلھىمى پۈركىمىسى
ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا تاۋۇز مەلھىمى پۈركىمىسىنى (西瓜霜喷剂) پۈركىسە ياكى يارا ئېغىزىغا سۈركىسە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/20045037.shtml