ئىسپېرما سۈپىتى ئەرلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، نۇرغۇن ئەر – خوتۇنلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىكى بەزى ناچار ئادەت ۋە مۇھىت ئامىللىرى ئىسپېرمىنىڭ ساغلام ھالىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن بەزى ئاددىي كۈندىلىك تەڭشەش ئارقىلىق ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھامىلدار بولۇش ئىھتىماللىقىنى يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم تەكلىپلىرىمىز ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما ساغلاملىقىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
1. ساغلام يېمەك – ئىچمەك زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئىسپېرما سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئاساسى. تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، مېۋە – چېۋە، كۆكتات، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ئىسپېرمىنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە سىنك، سېلېن ۋە ۋىتامىن مول بولغان C، D، E قاتارلىق يېمەكلىكلەر مەسىلەن:دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كالا گۆشى، تۇخۇم، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. مايدا پىشۇرۇلغان، زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ئىسپېرمىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
2. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ۋە چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
زىيادە سېمىزلىك ياكى بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەرەللىك چېنىقىش ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقداننىڭ ساغلام ھالىتىنى ياخشىلايدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، مەسىلەن، يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە سانىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما زىيادە ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىكى ھەرىكەت، چۈنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن.
3. بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلاشقا تىرىشىڭ.
ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا ئەرلەرنىڭ ھورمۇن تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يېتىپ، ئىسپېرما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، مەسىلەن، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، يوگا ئويناش ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئىسپېرما ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، يېتەرلىك ئۇخلاشمۇ بەدەندىكى ھورمۇنلارنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە 7 – 8 سائەت يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
4. بىھۇدە ۋەيا ئارتۇقچە زىيانلىق ماددىلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىڭ.
بەزى مۇھىتتىكى زىيانلىق ماددىلار، مەسىلەن، خىمىيەلىك بۇيۇملار، رادىياتسىيە، ئېغىر مېتال ۋە ھاۋانى بۇلغىغۇچى ماددىلار ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە سۈپىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، دېھقانچىلىق دورىلىرى، سۇلياۋ بۇيۇملار تەركىبىدىكى BPA قاتارلىق زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، يۇقىرى بۇلغىمىلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىش ياكى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، تاماكا ۋە زىيادە ئىسپىرت ئىسپېرمىنىڭ سانى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
5. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش ئۇرۇقداننىڭ ساغلاملىقىنى قويدايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
ئۇرۇقدان تېمپېراتۇرىغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ. شۇڭا، ئۇزاق ۋاقىت ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، ھورداقتا يۇيۇنۇش ياكى توك ئەدىيال ئىشلىتىش قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بەك تار ئىچ كىيىم كىيىشمۇ ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، ئىسپېرمىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئازادە پاختا رەختلىك ئىچ كىيىم كىيىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك يېمەك – ئىچمەك، ھەرىكەت، تۇرمۇش ئادىتىنى تەڭشەش ۋە ياخشى پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلاش ئارقىلىق، ئەرلەر ئىسپېرما سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر تۇغۇت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي ساغلاملىققا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.