دوختۇرخانىلارنىڭ لىفىتى ھەمىشە ئادەم بىلەن لىق تولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، كېسىلىنى كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر ھەمىشە لىفىتنى ئۇزاق ساقلاپ قالىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، سالامەتلىك يار بەرسە لىفىت ساقلىغىچە پەلەمپەيدە ماڭسا ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ .
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : دوختۇرخانىلاردىكى لىفىت ئەمەلىيەتتە ئاپتوبۇسلاردىكى ‹‹ قېرى ، ئاجىز ، كېسەل، مېيىپ ، ھامىلدارلار ئورۇندۇقى›› غا ئوخشاش بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئاھالىدە كىشلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان .
بەزىدە لىفىتقا ياشلار چىقىۋالغاچقا ، ياشانغانلار ۋە ئاغرىقلار چىقالماي قالىدۇ . ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ھەرىكىتى قولاي ئاغرىقلار تۆۋەنگە پەلەمپەي بىلەن چۈشسە ، كېسەل كۆرسىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپلا قالماي ، يەنە بەدەن چېنىقتۇرالايدۇ .