ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي كېسەللىكلەرئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ئاساسلىق ئالامەتلىرى ۋە سەۋەبلىرى

ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ئاساسلىق ئالامەتلىرى ۋە سەۋەبلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ ئوخشاش بولمىغان سەۋەبىگە قارىتا ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. شەھۋەت (جىنسىي ئىنتىلىش ) ئاجىز بولۇش؛

2. جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنى تېز كېتىش ياكى ئىشقا كىرىشمەي تۇرۇپ مەنى ئىقىپ كېتىش؛

3.زەكەر قايىم بولماسلىق ياكى بوش قايىم بولۇش؛

4. جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھوزۇر بولماسلىق؛

5. مەنى ئاغرىتىپ كېلىش ياكى قانلىق مەنى كىلىش؛

6. مەنى كەلمەسلىك ياكى تەتۈر ئېقىش

جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئاساسلىق كىلىپ چىقىش سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە :

1. ئومومىي بەدەن ئاجىزلاپ كېتىشتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولۇش، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھەر قايسى ئەرلىك ئەزالارغا قۇۋۋەت يېتىشمەي جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

2. بەدەندە ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كېتىشتىن بولغان باھ ئاجىزلىقى؛

( ئاچچىق-چۈچۈك سوغۇق يېمەكلىكلەر، سوغۇق ئىچىملىكلەر، سوغۇقلىقى يۇقۇرى ھۆل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلارمۇ قاننى سوۋۇتۇپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

3. مەنىي ئازلىقتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ بولۇش، ئانانىزىمغا ئادەتلىنىش ، كۆپ ئىھتىلام بولۇش ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبلىكمۇ مەنى ئازلاپ جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

4. ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( ئۇرۇقدان ، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىدە كېسەللىك ئاسارىتى سەۋەبىدىن مەزكۇر ئەزالار خىزمىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ مەنى ئىشلەش، تۇتۇش، چىقىرىش قۇۋۋىتى زەئىپلىشىپ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

5. مېڭە ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( مېىڭىگە قان – قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مېڭىنىڭ بۆرەك ھەم مەنى تۇتقۇچى پەي-نېرىپلار بىلەن بولغان ھەمشىرىكلىك مۇناسىۋېتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ دە، جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

6. بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىزاجىغا قارشى ھالدا تەرتىپسىز بولىشى ، سوغۇق ياكى ئىسسىقتىن بۆرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى، بۆرەك ئورۇقلاش، بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆپ بېرىلىش، ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق داۋالاپ ساقايتماسلىق سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ سۈزۈش، ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتى ناچارلاشقانلىقتىن جىنسىي ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ).

7. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق؛

( كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولىشى، ئۇزاق مەزگىل روھىي جىدديچىلىك، غەم-غۇسسە ئىچىدە ياشاش، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن قورقۇش ، دەسلەپكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ جىنسىي ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچنىڭ سۇسلاپ كېتىشى بىلەن بىرگە ئۆزىنى كەمسىتىشتەك نۇرمالسىز پىسخىك ئاجىزلىقمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ).

8. سېبلىس، سۆزنەك كەبى يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىك باكتېريىلىرىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل داۋالىتىلماي جىنسىي ئەزالاردا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ قىلىشىمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشتا ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەم بىمارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ئايرىپ چىقىپ دىئاگنۇسنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن مۇناسىپ داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

كۆزىتىشىمىزدىن مەلۇم بولدىكى – ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش يالغۇز ئەرلىك ئەزالار خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ئومومىي بەدەن ھەم روھىي قۇۋۋەتنى زور دەرىجىدە خورىتىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-31 / 11:48:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ