نورمال ئۇرۇق ئومۇمەن باش، تەن، قۇيرۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
ئۇرۇقنىڭ باش قىسمىنىڭ ئاستى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق، يان تەرىپى ياپىلاقسىمان، قۇيرۇق تەرىپى ئۇزۇن ھەم ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، قۇمچاقسىمان شەكىلدە بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، پۈتكۈل ئۇرۇق ھۈجەيرە پەردىسى بىلەن ئورالغان بولىدۇ، ئۇرۇق بېشىدا بىر چوققا تەنچە ۋە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زىچ بولغان ھۈجەيرە يادروسى بولىدۇ. چوققا تەنچە يادرونىڭ 3\2 قىسمىنى يۆگەپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىچىدە بىر يۈرۈش سۇدا ئېرىشچان ئېنزىم بولىدۇ.
ئۇرۇقلىنىش جەريانىدا، چوققا تەنچىدىكى ئېنزىم ئۇرۇقنىڭ تۇخۇمنىڭ تاشقى پەردىسىدىن ئۆتۈپ تۇخۇم ئىچىگە كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇرۇقنىڭ قۇيرۇق قىسمى يەنە قامچاتۈك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، قۇيرۇق قىسمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوق مەركىزى ئاكسىئال فىلامېنت ۋە تەنچىدىن ئۆسۈپ چىققان سىرتقى زىچ تالا ماددىسى بولۇپ، يەنە بىر قەۋەت ئالاھىدە تالا غىلاپچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ.
ئۇرۇقنىڭ قۇيرۇق قىسمى غىلاپ بىلەن ئورالمايدۇ، ئاكسىئال فىلامېنتنىڭ سىرتىدا غىلاپ تۈك پەردىسى بولىدۇ.
نورمال ئۇرۇقتا چوڭ باشلىق، كىچىك باشلىق، يۇمىلاق باشلىق ۋە ئۇچلۇق باشلىق قاتارلىق فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ.
غەيرىي ئۇرۇقنىڭ ئۇرۇق بېشى، تەنچە، قۇيرۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ ياكى باش ۋە تەنچە قىسمىدا ئارىلاش غەيرىيلىك كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇق بېشىدا غەيرىيلىك كۆرۈلگەندە، گىگانت باشلىق كۆرۈلۈپ، باش قىسىم يادروسى ۋە ھۈجەيرە پىلازمىسى تەتۈر ئايلىنىپ، موگو شەكلىدە ياكى قوش باشلىق شەكىلدە بولىدۇ؛
تەنچە قىسمىدا غەيرىيلىك كۆرۈلسە، چوڭ ھەم قوپاللىشىپ كېتىش، شىنا شەكىللىك بولۇش، ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛
قۇيرۇق قىسمى غەيرىيلىشىپ كەتسە، توم ھەم قىسقا، ئاچىماق قۇيرۇق ياكى قوش قۇيرۇقلۇق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛
باش ۋە تەنچە قىسمىدا ئارىلاش غەيرىيلىك كۆرۈلسە، باش ۋە تەنچە قىسمى توملىشىپ كېتىش، يادروسى غەيرىي ئۆسۈپ قېلىش شۇنىڭدەك باش ۋە تەنچە قىسمى تەڭ يوغىناپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا، غەيرىي ئۇرۇق سانى ئادەتتە %96 تىن ئاشمايدۇ. ئەگەر غەيرىي ئۇرۇقنىڭ سانى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بولۇپمۇ ئۇرۇق نورمال ئەھۋالدا غەيرىي ئۇرۇقنىڭ سانى ئادەتتە %96 باش قىسمى غەيرىي بولۇش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئېشىپ كەتسە، ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇرۇقلىنىش جەريانىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبېتى