توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر قېتىم ھاراق ئىچسە ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋاقىت ھاراق ئىچىش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ھەپتىلىك ئىسپېرمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئىسپىرت قان ئايلىنىش يولى ئارقىلىق جىگەر ۋە بۆرەككە كىرىپ، پۈتۈن بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،
بولۇپمۇ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ، ئىسپېرمىنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا بىر مەزگىل ئەسلىگە كېلىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى تەخمىنەن بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. قىسقىسى، ھاراقنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك ياكى پۈتۈنلەي تاشلاش كېرەك.
ئەگەر بالىلىق بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بولسا، ھاراق ئىچىپ ئاز دېگەندە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىسپېرمىنىڭ ئىسپىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈتۈنۈش مەزگىلىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش، كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇرچاق، سۈت، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە ۋىتامىن كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش ئارقىلىق ئىسپىرتنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17875026.shtml