ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىتۇغماسلىق ۋە ئانانىزىمنىڭ مۇناسىۋېتى

تۇغماسلىق ۋە ئانانىزىمنىڭ مۇناسىۋېتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سەمىگە: ئانانىزىمنىڭ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ

بەزى ئەرلەردە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانانىزىم ئادىتى شەكىللىنىپ قالغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئانانىزىم ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز قىلىق. شۇڭا ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بۇ بەتقىلىقتىن بالدۇرراق قول ئۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئانانىزىم بىۋاسىتە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئەگەر ئانانىزىم سەۋەبلىك تۇغماسلىق كېلىپ چىققان بولسا، ئومۇمەن ئانانىزىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ كېسەللىكى ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈىدۇ.

ئانانىزىم ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق، ئىسپىرما بالدۇر كېتىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چوقۇم ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ھەممىگە ئايانكى، ئانانىزىمنىڭ بەدەنگە بولغان زىينىغا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئانانىزىمنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى سەۋەبلىك، ئانانىزىمدىن قول ئۈزمەيدۇ ھەمدە ئانانىزىمغا كۆنۈپ قېلىش ئېڭى زىيادە كۈچلۈك. ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالماسلىق ياكى ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبلىك، كېيىنكى تۇرمۇشىدىكى تۇغماسلىق قاتارلىق ھەر خىل ئۆمۈرلۈك كېسەللىكلەرگە پۇشايماننى ھامىلە قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، تۆۋەندە ئانانىزىمنىڭ خەتىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز:

1. ئانانىزىمنىڭ مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى دىققىتىنى يىغىش جەھەتتە بولسۇن ئېغىر دەرىجىدە يامان تەسىرى بولىدۇ. مەسىلەن: خىزمەت ياكى دەرسكە قاتناشقاندا بولسۇن، دائىم چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولغان جىنسىي تۇيغۇ، خىياللار، بىر خەت، بىر سۆزمۇ ئۇلاردا شەھۋەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ھەمىشە ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، زېھنىي كۈچىگە زەخمە يەتكۈزۈپ، ئاسان چارچايدىغان، روھسىزلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىدا پىسخىكىلىق بېسىم پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ياشلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغاندا روھىي جەھەتتىن بېسىم پەيدا بولۇش بىلەن بىرگە، سىنىك قاتارلىق ئېلېمېنېتلارنىڭ كۆپ مىقداردا سەرپ بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك، بوينىڭ ئۆسۈشى ۋە جىسمانىي يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

2. دائىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاسانلا مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان باھ زەئىپلىشىش، ئىسپىرما بالدۇر كېتىش، بەل تېلىپ ئاغرىپ مادارسىزلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئانانىزىمنىڭ زىينىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىنسىي ئىقتىدارىدا زور چېكىنىش بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەزى بېزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ سەۋەبلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كۆپ خىل ئامىلىنىڭ يىلتىزى يەنىلا ئانانىزىمدا بولىدۇ. ئانانىزىمنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرىمۇ چوڭ بولىدۇ.

 

3. دائىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرايدۇ-دە، ئەرلەردىكى تۇغماسلىق كۆرۈلۈپ، ئاسانلا ئورۇقلاپ ئاۋاقلىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مىجەزى جەھەتتە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش، چۈشكۈنلۈك ئېغىرلاپ، ئۆزىنى ئۇلى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندە ھېس قىلىپ، بارغانچە تۈگىشىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

 

4. ئانانىزىم بىلەن زىيادە شۇغۇللانغاندا، يەنە ئەقلى كۈچىگىمۇ تەسىر يېتىپ، ئەقلى گاللىشىش، دىۋەڭلىك ھالىتى كۆرۈلىدۇ.
زىيادە ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ خەتىرى بۇلارلا بولماسلىقى مۇمكىن، پەن-تېخنىكىنىڭ، تېببىي ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ زىيان ۋە خەتەرلەر بايقىلىشى مۇمكىن، شۇڭا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغىنىمىز، ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چوقۇم ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشى كېرەك.

 

ئانانىزىمغا كۆنۈپ قالغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

1. ئانانىزىم بىۋاسىتە تۇغماسلىقنى پەيدا قىلمايدۇ، ئەمما ئانانىزىمنىڭ خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كۆپ خىل جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: باھ زەئىپلىشىش، ئىسپىرما بالدۇر كېتىش، ئىسپىرما ئېتىلىپ چىقماسلىق قاتارلىقلار، بۇ خىل بىمارلارغا قارىتا ئەڭ ئاۋۋال ئانانىزىمنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىش، ئاندىن تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك.

2. ئانانىزىم سەۋەبلىك تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەر چوقۇم كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تۇرمۇشقا ساغلام كەيپىياتتا يۈزلىنىشى كېرەك. ئانانىزىم يالغۇز ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن بەلكى، يەنە ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن: نۇرغۇن داس بوشلۇقى ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى ئانانىزىمدىن يۇقۇملانغان بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەر چوقۇم ساغلام بولغان كەيپىيات بىلەن ئۆز ھەمراھىغا يۈزلىنىشى، جىنسىي تۇرمۇشقا ساغلام كەيپىياتتا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.

3. ئومۇمەن ئانانىزىمغا كۆنۈپ قالغان ياشلار ئانانىزىمدىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. ئەمما ئەگەر ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۆزىنى كونترول قىلالماي تېخىمۇ كۈچلۈك ئادەتلىنىپ قالىدۇ-دە، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا، ياشلار چوقۇم كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىر قىسىم ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىققىتىنى بوراپ، ئانانىزىمنىڭ ئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىق بولۇشى، ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-05 / 04:45:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ