ئانا سەھىپەساغلاملىقۋىتامىنلەر ۋە مىنىرال ماددىلارقايسى خىل ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟

قايسى خىل ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاماكا چېكىدىغانلارغا: تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نىڭ مىقدارى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، تاماكا چېكىدىغانلار ھەر كۈنى 1000mg ۋىتامىنC قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەركۈنى بىر قاپتىن ئارتۇق تاماكا چېكىدىغانلار قوبۇل قىلىدىغان ۋىتامىنC نىڭ مىقدارىنى 2000mg غا يەتكۈزۈشى كېرەك.

ھاراق ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت ئادەم بەدىنىدىكى B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارنى كۆپ مىقداردا خورىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، ھاراق ئىچىدىغانلار ھەر كۈنى 75mg ۋىتامىنB2 ۋە 20mg~15mg ۋىتامىنB6 قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ياشانغانلار: 65 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر 1600 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنA، 300 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنD،  B تۈردىكى ۋىتامىنلارغا كۆپرەك ئېھتىياجلىق. بىراق يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋىتامىنE تابلېتكىسىنى ئىستېمال قىلغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار: بۇ خىل كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، مېڭىگە ئوكسىگېن يەتكۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان ۋىتامىنE تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بۇ كىشىلەر 30~40 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنE، 2000mg ۋىتامىنC، 400 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنD ۋە 5000 خەلقئارا بىرلىكتىكى ۋىتامىنA غا ئېھتىياجلىق.

شۇنى تەكىتلەر كېرەككى، ۋىتامىن تولۇقلاشتا دورىغا تايىنىۋالماسلىتىن، بەلكى كۈندىلىك يېمەكلىك ئارقىلىق ۋىتامىن تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-19 / 10:48:24

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ