ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىقولدا لەززەتلىنىش مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

قولدا لەززەتلىنىش مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قولدا لەززەتلىنىش )ئانانىزىم( بىلەن شۇغۇللىنىش مەيلى توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان ئەرلەردە بولسۇن ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال توي قىلىپ بولغان ئەپەندىملەردىمۇ بۇ ئەھۋال بار دىيىشتىكى سەۋەب ، تويدىن كېيىن ئەرخوتۇن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش ، كوماندىروپقا چىقىش ، ئاجرىشىپ كېتىش ياكى ئايالى تۈگەپ كەتكەن ئەپەندىملەرگە قارىتىلغان بۇلار قولدا لەززەتلىنىش ئارىلىق جىنسىي ھەۋىسىنى بوشىتىدۇ

قولدا لەززەتلىنىش مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

كۆپلىگەن ئەرلەر يىگىتلەر قولدا لەززەلىنىش بىلەن بىرگە ھەم بۇ خىل ئادەتنىڭ بەدىنىگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . كۆپلىگەن مەزى بېزى ياللۇغى بار بىمارلار ئۆزىنىڭ كېسىلىنىڭ مۇشۇ ئادەتتىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ ، قولدا لەززەتلىنىشنى مۇشۇ كېسەللىكنىڭ بىرىنجى ئامىلى دەپ بىلىدۇ .

شۇڭا كۆپلىگەن مەزى بېزى ياللۇغى بىمارلىرى ئۆزىنى زورىغا بېىسپ ، قولدا لەززەتلىنىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ . لېكىن قولدا لەززەتلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بىلەن لېكىن كېچىدە مەنى يۈرۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىدۇ . بۇ بىمارلارنى تېخىمۇ روھىي بېسىمغا سېلىپ قويماقتا .

شۇڭا قولدا لەززەتلىنىش زادى مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ يوق؟

ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىدە ئارتېرىيە قان تومۇرلار بىرقەدەر كۆپ جايلاشقان ، ئەگەر مەزى بېزىدىكى قان تومۇرغا دائىم قان تولۇش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە ، قان تومۇرنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىپ ، مەزى بېزىنىڭ ئىممونىت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يۇقىرىلىتېۋېتىدۇ .

قولدا لەززەتلەنگەندە جىنسىي ئەزاغا ھەم مەزى بېزىنىڭ قان تومۇرلىرىغا قان تولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ . بۇ نورمال ئەھۋال . لېكىن بۇنداق قان تولۇش قېتىم سانى كۆپىيىپ كەتكەندە ، يەنى قولدا لەززەتلىنىش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە ، مەزى بېزى يۇقاردا دىگەندەك يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ياللۇغ پەيدا بولىدۇ . لېكىن بۇ مۇتلەق ئەمەس ، بۇ يەنە ھەربىر ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچىگە باغلىق. قولدا لەززەتلىنىش بىر مەقسەتتە يەنە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش رولىنىمۇ ئوينىغاچقا ، شۇڭا قولدا لەززەتلىنىشنىڭ قېتىم سانىنى كونتىرول قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا ، كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارماي بەلكى مەزى بېزىڭىزگە پايدىسى بولىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:13:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ