ۋىتامىن B13 نىڭ ئارخىپى
تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن B13 كىشىلەر نۆۋەتتە ئانچە كۆپ بىلمەيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسپىرتتا ئېرىمەيدۇ، سۇدا ئازراق ئېرىيدۇ.
ئاساسلىق رولى: يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12 نىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر كېسىلى ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆپ خىل قېتىشىش ئالامەتلىرىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى: بۇنىڭغا ئالاقىدار يېتىشمەسلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخى بايقالمىدى.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى: جىگەر كېسىل بىمارلىرى.
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: تەركىبىدە ۋىتامىن B13 مول يېمەكلىكلەردىن يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلار، قويۇق سۈت، قېتىق ياكى سۈت كونسېرۋاسىنىڭ سۇيۇق قىسمى قاتارلىقلار بار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: ھازىرغا قەدەر چەكتىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىشنىڭ ناچار تەسىرى بايقالمىدى.
ئىستېمال قىلىش مىقدارى: كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى توغرىسىدا ئارتۇق ئېتىراپ قىلىنغان تەۋسىيە يوق.
مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى