ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىقىش پەسلىدە بوغۇم ئاسراشتىكى ئۇسۇللار

قىش پەسلىدە بوغۇم ئاسراشتىكى ئۇسۇللار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېقىندا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شەھىرىمىزدە قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئەتراپىمىزدىكى بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ « ھەر قېتىم قىش كىرىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە بوغۇم ياللۇغۇم ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ» دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئۇنداقتا، بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى قانداق قىلغاندا قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدۇ؟

قىش پەسلىدە بوغۇم ئاسراشتىكى ئۇسۇللار

سوغۇق ھاۋا گەرچە بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولمىسىمۇ، لېكىن بوغۇم ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بوغۇم يۇمشاق توقۇلمىلىرى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئاغرىق سېزىمى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتقا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماي ئاغرىق كېلىپ چىقىدۇ. بىز بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىغا ئاددىي ئۇسۇلدىن ئىككىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1. تىزلىقنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

تىزلىقنىڭ ئاساسلىق رولى تىز بوغۇمىنى قوغداش ھەمدە ئۇنى مۇقىم تىرەك بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. تولۇق ئورالغان تىزلىقنىڭمۇ قىسمەن ئىسسىق ساقلاش رولى بار. تىز بوغۇمى مۇقىم بولمىغان، بوغۇمى بوشاپ كەتكەن ياكى ئاسان يارىلىنىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تىزلىق تىرەك كۈچى بولۇپ، تىز بوغۇمىنىڭ تەۋرىنىش ۋە يارىلىنىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىزلىق يەنە بەدەننىڭ تىز بوغۇمىغا بولغان بېسىمىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تىز بوغۇمىنىڭ بېسىم ۋە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

تىزلىق ئىشلەتكەندە، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

تىزلىق ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تىز بوغۇمى ئەتراپىنىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا، تېرىدە جاراھەت ياكى ياللۇغلىنىش بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىزلىقنىڭ تىپى ۋە رازمېرى مۇۋاپىق بولۇشى، تىز بوغۇمىغا چاپلىشىپ مۇقىم تۇرۇشى كېرەك.

تىزلىق تاقىغاندا تىزلىقنىڭ بوش-چىڭلىقىنى ياخشى تەڭشەش، تىز بوغۇمىغا چىڭ چاپلىشىپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيادە چىڭ سىقىۋالماسلىقى كېرەك. تىزلىققا زىيادە تايىنىۋالماسلىق، مۇسكۇل يىگىلەش ۋە بوغۇم قېتىشىش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2. بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش

بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە كۆيۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە پايدىلىق. بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار:

قۇرۇق ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش سۇ خالتىسى، قول ئىسسىتقۇچ قاتارلىقلارنى تىز بوغۇمىغا قويۇپ 20~30 مىنۇت تۇرغۇزساق بولىدۇ، ھەر كۈنى 1~2 قېتىم ئىسسىق ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق.

ھۆل ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. لۆڭگە ياكى داكىنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندىن كېيىن چىڭ سىقىۋېتىپ يېرىم قۇرۇتقاندىن كېيىن تىز بوغۇمىغا قويۇپ بەرسەك بولىدۇ، ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم ئالماشتۇرىمىز، ھەر قېتىمدا 20~30 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرىمىز، ھەر كۈنى 1~3 قېتىمغىچە ئۆتكۈزۈپ بەرسەك مۇۋاپىق.

ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تىز بوغۇمىنىڭ ئەتراپىنى 2~5 مىنۇتقىچە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش چاپلىقىنى تېرىگە بىۋاسىتە چاپلاشقا بولمايدۇ، تېرىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ تەركىبىدە دورا بار چاپلاق دورا ياكى جۇڭيى دورىسى قايناتما دورىسىنى ئىشلىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، تېرىنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، قىسمەن ئاغرىقلاردا تېرە سەزگۈرلۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ قان نوكچىسى مەنبەلىك ۋېنا ياللۇغى، قان تومۇر كېسەللىكلىرى ھەمدە تېرىسى زەخىملەنگەن ئاغرىقلارغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

ئەگەر بوغۇم ئاغرىقى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ ياخشىلىنىش بولمىسا، ھەتتا بوغۇملار ئىششىش، ئەتىگەندە قېتىشىش ۋە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، بوغۇم ئىششىپ ئاغرىشنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق دورا ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

مەنبە: 乌鲁木齐维吾尔语广播

ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/LsbOin4Qp5BY5hL0z6Fozg

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:53:07

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ