قول بارماقلىرى ئۆپكە، چوڭ ئۈچەي ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق
كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچ سائەت 6 لەر ئەتراپىدا مېڭىنىڭ ئەڭ سەگەك ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۈستەلدە قول بارماقلىرىنى ماڭدۇرۇش بولۇپ، دائىم كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلغۇچىلاردا قول قېتىشىش، بويۇن، بوغۇملىرى ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ، قولنى ئۈستەلدە ماڭدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بوغۇم ئاغرىقى ۋە باشقا ئونىۋېرسال كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ ھەرىكەتنى دائىم ئىشلەپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپلا قالماستىن، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك ۋە قەۋزىيەت كېسەللىكلىرىنڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.