ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىقىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قىش كىرگەندە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بالىلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قېلىن كىيىندۈرۈپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار بەك قېلىن كىيىنگەندە، تەرلەپ كىيىمى ھۆل بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالىدۇ.

لېكىن بەزىدە بالىنىڭ بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى مۇزلاپ قالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ توڭلاپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.

ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلىشى كېرەك؟

1. دۈمبە مۇزلاش

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسا، قولى بىلەن بالىنىڭ بوينىنىىڭ ئارقىنى تۇتۇپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر بىر قەدەر سوغۇق بولسا بالا توڭلىغانلىقنى، ئەگەر ھۆل بولسا ئىسىپ تەرلەپ كەتكەنلىكنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

 

2. پۇت مۇزلاش

كىشىلەر «سوغۇق پۇتتىن باشلىنىدۇ» دېيىشىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ پۇتى بەك مۇزلاپ كەتسە، پۈتۈن بەدىنمۇ توڭلاپ ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئىسسىق ساقلايدىغان پايپاق ۋە ئاياغ كىيگۈزۈش كېرەك.

 

ئەگەر بالىنىڭ بۇ بىر نەچچە قىسمى بىر قەدەر سوغۇق بولسا ئەنسىرىمەڭ.

1. قول

ئادەتتە ئانىلار بالىنىڭ قولىنى تۇتقاندا، ئازراق سوغۇق ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا پەقەت بالىنى مۇۋاپىق كىيندۈرسەكلا بولىدۇ.

2. ساغرا

بالىنىڭ ساغرىسى ئەسلىدىنلا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئورۇنغا تەۋە بولىدۇ. شۇڭا بەزى بالىلار قىشتا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيسىمۇ زۇكام بولۇپ ئاغرىپ قالمايدۇ. بالىنىڭ ساغرىسىنى تۇتۇش ئارقىلىق توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىش ئانچە توغرا ئەمەس.

3. پېشانە

قىش كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا، ئانىلار بالىسىغا قېلىن باش كىيمى كىيگۈزۈپ، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق بالىنىڭ پېشانىسىنڭ مۇزدەك بولۇشى توڭلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

ھازىر ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قار يېغىۋاتىدۇ. ھەر بىر رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ۋە بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بالىلارنى مۇۋاپىق كىيىندۈرۈشى كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/11407119.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ