ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارغا دورا ئىچكۈزگەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

بالىلارغا دورا ئىچكۈزگەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

*ئاسپىرىن :گەرچە ئاسپىرىن ياكى ئاسپىرىن تەركىبلىك دورىلار بالىلاردىكى زۇكام ،قىزىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوبدان پايدا قىلسىمۇ ،ئەمما 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئۇنداق دورىلارنى يىگۈزۈشتىن ئېھتىيات قىلغان ياخشى .چۈنكى ئۇنداق دورىلار ئاسانلا ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

بالىلار زۇكام بولغاندا ئىچكۈزىلىدىغان مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاسپىرىن تەركىبلىك دورىلاردا كوففېئىن بولۇپ ،ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بار .ئەگەر بالا قىزىغاندا ،مۇرەككەپ رېتسىپلىق ئاسپىرىننى يېگۈزگەندە ،<<ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك >>ئىش بولىدۇ .بالا ھەددىدىن ئارتۇق تەرلەپ سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ .

بالىلارغا دورا ئىچكۈزگەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

*ۋىتامىن A : ئۇ كۇمۈرچەكنىڭ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .ئەمما ھەددىدىن كۆپ ئىستىمال قىلسا ،سۆڭەك كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى ئاستىلىۋىتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ،كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ،بالىنىڭ بويىنى پاكار قىلىپ قويىدۇ .

* قۇۋۋەت دورىلىرى :كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار چوڭلار ئىچىدىغان بىر قىسىم قۇۋۋەت دورىلىرىنى بالىلارغىمۇ ئىچكۈزىدۇ .ئەمەلىيەتتە بەزى چوڭلار ئىچىدىغان قۇۋۋەت دورىلىرى تەركىبىدە ھورمون ياكى ھورمۇن رولى بار ماددىلار بولۇپ ،بالىلار ئىستېمال قىلسا ،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

بەزى دورىلار بالىلارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ .مەسىلەن ،بالىلار تەركىبىدە ئورىزانول (Oryzanol) كۆپ بولغان پىچىنە – پىرەنىكلەرنى كۆپ يېسە ،ئاسانلا ئەسۋە چىقىش ،چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

*ئانتىبىئوتىك دورىلار(ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى) :بالىلارنىڭ ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ،بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى باكتېرىيىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،بالىلارنىڭ باشقا ئەزالىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن ،ئانتىبىئوتىك دورىلارنىڭ قوشۇمچە ئەكس تەسىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ .

*قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرى :بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپۇراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى مۈكەللەشمىگەنلىكتىن ،بەدەن ئىسسىقلىقىنى ساقلاش ،تەرلەش ،قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئىقتىدارى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ .ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالسا ،قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك .قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرى مەسىلەن ،ئاسىپىرىن ،بالىلاردىكى قىزىتمىنى ياندۇرۇش كاپسولى قاتارلىقلارنى بوۋاقلارغا ئىشلىتىش چەكلەنگەن .ئەڭ ياخشىسى بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا فىزىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك .يەنى بوۋاقنىڭ بەدىنىنى ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش ،سوغۇق سۇ قاچىلانغان گرىلكىنى بېشىغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-05 / 08:36:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ