ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىڭىزغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ تۇرامسىز؟

بالىڭىزغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ تۇرامسىز؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدىكەن

بالىلارغا نېمە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ؟ ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بىز بۇ توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا – بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ھۆرسىماننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر، ئۇ بالىلارنى ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئاسان يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلايدۇ.

نۇرغۇن ئاتا– ئانا بالىلىرىغا ‹‹بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش كىنىشكىسى›› بويىچە ۋاكسىنا ئەملەشكە سەل قارايدۇ. ۋاكسىنىنى يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىشتىن ئىلگىرى ئەملەتكەندە ئاندىنرولى بولىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئەملىتىدىغان كالمىت گۋېرنى ۋاكسىنىسى ۋەB تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

ۋاكسىنىلار ئىچىدىكى بىرىنچى تۈردىكى ۋاكسىنىلار،ئاساسلىقى، يەتتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ھەقسىز ئەملىتىدىغان ۋاكسىنىلارنى، ئىككىنچى تۈردىكى ۋاكسىنىلار پىلانلىق ئەملەنگەندىن سىرت، بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن، شۇ جايدا يېرىم سائەت كۆزىتىپ ئەكس تەسىر كۆرۈلمىگەندە، ئاندىن بالىنى ئېلىپ كەتسە بولىدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ۋاكسىنا ئەملىگەن جاي ئىششىپ قېلىش ۋە ئاغرىش، 38.5 گىرادۇستىن تۆۋەن قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار نورمال بولۇپ، بۇنداق چاغدا بالىغا كۆپرەك قايناق سۇ بېرىپ ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنگەن جايدا يۇقۇملىنىش، يىرىڭلىق ئىششىش، سۇلۇق ئىششىش، شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-13 / 11:55:18

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ