سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2003-يىلى جوبىسقا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە، ئۇ تۈرلۈك داۋالاشلار ئارقىلىق كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 56 يېشىدا ۋاپات بولدى. داۋالىنىش جەريانىدىكى جوبىس كۆرۈنەرلىك ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ، بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلار راك ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن خوراپ تۈگىگەن ئىدى.
ھاياتلىققا بۇنچە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن راك كېسىلى زادى قانداق كېسەللىك؟ راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىنى قانداق كونترول قىلىدۇ؟
ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر راكنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىكى تۆت خىل ئەھۋالنى تونۇشتۇرغان:
1. بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنى خورىتىش
راك كېسىلى راك ھۈجەيرىلىرىدىن تەرەققىي قىلىپ شەكىللىنىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرى بولسا يېتىلىش ۋە كۆپىيىش جەريانىدا ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئىگەللەپ، ئاخىرىدا ئورگانىزىمدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى نۇرغۇن بىمارلاردا تۈرلۈك يامان سۈپەتلىك كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
2. قان تومۇرلارنى بېسىش
راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىدە ئىزچىل ئۆسۈپ، ھەجىمىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىدۇ. ئۆسۈپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، راك ھۈجەيرىلىرى ئەزالارنىڭ قان تومۇرلىرىنى بېسىپ، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ.
3. تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بەزى راك كېسەللىكلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئاسانلا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئەگەر راك ھۈجەيرىلىرى چوڭ مېڭىگە يۆتكەلسە، مېڭە نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، راك ھۈجەيرىلىرى لىمفا سىستېمىسى ۋە قان تومۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قان نۆكچىسى شەكىللەندۈرۈپ، بىماردا بىر قاتار ئۆسمە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. داۋالاشتا ئەكس تەسىر پەيدا بولۇش
راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ نۇرغۇن ئەكس تەسىرى بار، مەسىلەن رادىياتسىيەلىك داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسمەن چىرىش، خىمىيەلىك داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىلىك تورمۇزلىنىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئەكس تەسىر ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بىماردا خامۇشلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
راك ھۈجەيرىلىرى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تەڭ ئۆلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
راك ھۈجەيرىلىرى ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىگە تەۋە بولۇپ، ئادەم بىلەن بىللە ياشاش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. ئەگەر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، راك ھۈجەيرىسىمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قارىتا بۇ خىل تەسىرىنى «ئۆزى بىلەن تەڭ ھالاك قىلىش» دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
سەۋەبسىز ئىش بولمايدۇ، كېسەللىكتە تېخىمۇ شۇنداق. راك ھۈجەيرىلىرى سىزنىڭ بۇ ئۈچ ئىشنى قىلىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ:
1. ئۆپكە راكى: تاماكا چېكىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ
تاماكا تەركىبىدىكى نەچچە يۈز خىل خىمىيەلىك ماددا ئىچىدە 60 خىلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك ماددا راك پەيدا قىلىدۇ. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، %90 ئۆپكە راكى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى تاماكا چەككەن بولۇپ، تاماكا چېكىش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
2. جىگەر راكى: ھاراق ئىچىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ
ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن پۈتۈنلەي جىگەرگە تايىنىپ ماددا ئالماشتۇرىدۇ، مېتابولىزم جەريانىدا ھاسىل بولغان ئېتىل ئالدېگىد، ئوكسىد، سۇپېر ئوكسىد قاتارلىق ماددىلار جىگەردە توختاپ قېلىپ، زەھەرلىك ماددىلارنى توپلاپ، جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ.
3. ئاشقازان راكى: تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشىڭىزنى ياخشى كۆرىدۇ
ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. نۇرغۇن ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىك ئادىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ يەيدىغان يېمەكلىكلىرى بىر قەدەر تۇزلۇق بولۇپ، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر (مەسىلەن، تۇزلانغان سەي، تۇزلانغان گۆش قاتارلىقلار) تەركىبىدە ئادەتتە نىترىت كىسلاتا تۇزى بولىدۇ، نىترىت كىسلاتا تۇزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/18403985.shtml