تاماكا چېكىش 85٪دە ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، 80٪دە گال ، يۇتقۇنچاق ، ئېغىز بوشلۇقى ھەم كالپۇك راكى بولۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، 75٪دە ھەزىم قىلىش يولى راك بولۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، 45٪دە دوۋساق راكى بولۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چ
تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ راك بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەنلەرنىڭ راك بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدۇر ، لېكىن ئېغىر دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەر 4 ھەسسىسىدۇر .
تاماكا چېكىش پەقەتلا ئېغىز بوشلۇقى ، گال ، كىكىردەك ھەم ئۆپكە قاتارلىق تاماكا ئىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايدا راك پەيدا قىلىپلا قالماسىتىن ، بەلكى يىراق ئەزالاردىمۇ راك پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن 50% ئەرلەرنىڭ دوۋساق راكى بىلەن بۆرەك راكى بولۇپ ئۆلۈشىئەئە تاماكا چىكىش سەۋەپچىدۇر ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ دوۋساق راكى بىلەن بۆرەك راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا 2~3 ھەسسە يۇقىرى .
ئامېرىكىدا ھەر يىلى 4600 بالىياتقۇ بوينى راكى بولۇپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە 30% تىگە تاماكا سەۋەپچىدۇر . پاسسىپ تاماكا چىكىش(يەنى تاماكا ئىسىنى شۈمۈرۈش)مۇ ، تاماكا چەكمىگەنلەرنىڭ راك بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبىدۇر . بولۇپمۇ ئۆسمۈر بالىلارغا ناھايىتى زىيىنى بار .