ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىسالامەتلىك ۋە بەدەندىكى ئۆزگۈرۈشلەر

سالامەتلىك ۋە بەدەندىكى ئۆزگۈرۈشلەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1-كۆز :

1)كۆز ئەتراپى يىغلىغاندەك ئىششىسا :بۇ كۆز ئەتراپىدا سۇ مىقدارىنىڭ ئېشىشى ياكى ئۇيقۇنىڭ كەملىكىدىن ،بۇندىن سىرت زۇكام ،بېرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىمۇ كۆرلىدۇ .ئادەتتە ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،ۋېتامېن ئا،ب لارنى ۋە تەركىبىدە شۇلار بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك .ئەگەر ئىششىش ئالامىتى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا بۇ بۆرەكتىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .تېزدىن دوختۇرغا كۆرنۈڭ.

2)ئاستىنقى قاپاق ئەتراپى قارداش ئەﮬۋالى بارغانسىرى ئېغىرلىشىش ،بەزى ﮬۆسۈن تۈزەش مەﮬسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق : ئېرسىيەت ئامىلىدىن سىرت ،ئاستىنقى قاپاقتىكى قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقتىن قان تومۇرلار كېڭىيىش ياكى قىل قان تومۇرلار يېرلىشتىن تېرە ئاستى سۇلۇق ئىششىقى پەيدا قىلىپ ،كۆز ئەتراپى قارداشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .مەسىلەن :كۆزنى كۆپ ئىشلىتىش ،تۈنەش ،ئۇيقۇسىزلىق ،تاماكا چېكىش ،ﮬەيىز قالايمىقان بولۇش ،قاتارلىقلار .كۆز ئەتراپى تېرە ياللۇغى ،ﮬەددىدىن زىيادە سەزگۈز تېرە ياكى سۈپەتسىز ﮬۆسۈن تۈزەش مەﮬسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشمۇ كۆز ئەتراپى قارداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

بۇنىڭدىن سىرت ،قۇرغاق ﮬاۋا ،ﮬەددىدىن زىيارە كۈن نۇرىغا قاقلىنىش ،،ياشنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ﮬەممىسى ئاسانلا كۆز ئەتراپىدىكى تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،ئىلاستىك تالالارنىڭ ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىپ ،كۆز ئەترىپىدكى تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ .بۇ ئەﮬۋاللار تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ ،كۆز ئەتراپى قارداشتىن سىرت يەنە ئۇششاق قورۇقلار ۋە كۆز ئەتراپى خالتىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

2-لەۋ (كالپۇك )

1)جاۋغاي قۇرغانلىشىپ تېرە تاشلاش ،ئېغىر بولغاندا ئېغىزنى ئاچقاندا قاناش ،قىززىش ﮬەم ئاغرىش ،تاماق يىگەندە ،كۈلگەندە بىئارام بولۇش :بۇئېغىز ئەتراپى ياللۇغى  (جاۋغاي ياللۇغى )دەپ ئاتىلىدۇ .بەدەندە ۋېتامېن ب2نىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان .دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋېتامېن ب2نى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،بىرنەچچە كۈندە ساقىيىپ كېتىدۇ .قارا ئاشلىق ،پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ،يېڭى كۆكتات ،سەۋزە ،زىسەي ،قارا گۆش (ئورۇق گۆش )،تۇخۇم ۋە مىۋە-چىۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ .

2)كالپۇك قارداش :بۇ ﮬەزىم قىلىش سېستىمىسىدا كىسەل بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .مەسىلەن :ئىچى قېتىش ،ئىچى سۈرۈش ،تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش ،باش ئاغرىش ،ئۇيقۇسىزلىق ،ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار .كالپۇكتا قارا داغلار بولسا ،كالپۇك ئەتراپى قاردىسا ،كۆپ كۆرلىدىغان ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك ئۈستى بېزى (慢性肾上腺皮质)ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى .

3-تىل

1)تىلنىڭ رەڭگى ئادەتتىكىدىن سېرىق بولسا : ئۈچ خىل ئەﮬۋال بولۇپ ،(1)يۇقۇملۇنۇشتىن ،ئۆپكە ياللۇغى ،جىگەر ياللۇغى ،سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق  ؛(2)ﮬەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقان بولۇشتىن ،مەسلەن :ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى ،ئاشقازان يارىسى ،ئۈچەي ياللۇغى ،داۋاملىق ئىچى قېتىش ، ﮬەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ؛(3)قىزىتما .

2)تىلدا قان رەڭگى بولماسلىق :كۆپىنچە قان ئازلىق ۋە ئاقسىل كەملىك، ئوزۇقلۇنۇشى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆرلىدۇ .بۇندىن باشقا ،ئاستا خاراكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى ،تۆۋەن قان بېسىم ،سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلاردىمۇ تىل ئاقىرىش ئالامىتى كۆرلىدۇ  ئىچكى ئاجراتىمىلار قالايمىقانلىشىش ،قان تومۇر تارىيىش ، قان ئايلىنىش ئاستا بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىنمۇ تىلنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ .ئاقسىل ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،ئاقسىل ئومۇمىي مىقدارى يېتىشمەسلىك ،ئاقسىل تۆۋەنلەش ،توقۇلمىلاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەپلەردىن تىل سەمرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ .

4-تىرناق

1)قول تىرنىقىدا تەرتىپسىز ئاق داغلار تۇرۇپ پەيدا بولۇش ،تۇرۇپ يوقاپ كېتىش :سېنىك ،تۆمۈر كەملىك ،ئاشقازان-ئۈچەيدە كېسەللىك بولۇش ياكى قان كەملىكتە مۇشۇنداق ئەﮬۋال كۆرلىشى مۇمكىن .ئەگەر ئاستا خاراكتىرلىك ئىچ قېتىش بولسىڭىز ،بەلكىم تېنىڭىزدا پارازىت قۇرۇت بولىشى مۇمكىن .

2)يېقىندىن بېرى تىرنىقىڭىزپارقىراقلىقنى يوقاتقان بولسا ،تىرناق يۈزىدەتىك سىزىقچىلار بولۇشتىن سىرت يىڭنە ئۈچىدەك ئوڭغۇل-دوڭغۇللۇق بولسا :توغرا سىزىقلارنىڭ پەيدا بولىشى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن .يىڭنە ئۈچىدەك ئوڭغۇل-دوڭغۇللۇق مىكرو ئېلمىنتلارنىڭ ۋە كالتىسىينىڭ كەملىكىدىن ،بەلكىم چاچ چۈشۈش ،كالپۇك قۇرغاقلىشىش ئەﮬۋاللىرى بىر ۋاقىتتا كۆرلىشى مۇمكىن ،دىققەت قىلمىسىڭىز يۇقۇملىنىشىڭىز مۇمكىن .شۇڭا مېكرو ئېلمىنتلار ۋە كالتىسىي تولۇقلاشقا ئەﮬمىيەت بېرىڭ .

5-يۈز

1)يېشىڭىز ياشلىق چېچىگى چىقىدىغان مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە چىقسا :ﮬەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى مەسىلە .مەسىلەن ئىچى قېتىش ،ئادەت خاراكتىرىلىك ئىچى سۈرۈش ،ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش ،ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلار بەدەن ئىچىدىكى توكسىننىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،كېرەكسىز نەرسىلەر نورمال چىقىرىپ تاشلانمىغانلىقتىن ياشلىق چېچىگى چىقىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا ،ئۇزاق ۋاقىت چارچاش ،جىددىيىلىك ،يازدىكى ئاپتاپتا قاقلىنىش قاتارلىقلارمۇ ياشلىق چېچىگىنى پەيدا قىلىدۇ .

2)يۈزدە سېرىق ،قوڭۇر داغ پەيدا بولۇش :كۆپىنچە ﮬامىلدار ئاياللاردا كۆرلىدىغان بولۇپ ،تۇغۇتتىن كېيىن تەبىئىي يوقاپ كېتىدۇ .،بالياتقۇ كېسەللىكى ،ئىچكى ئاجراتمىلار نورمال بولمىغان كىشىلەردە كۆرلىدۇ .بۇندىن باشقا يەنە جىگەر كېسەللىكى ،ئۆپكە تىبىركىليوز كېسەللىكى با ر بىمارلاردىمۇ بۇ خىل ئەﮬۋال كۆرلىشى مومكىن .ئاستا خاراكتىرلىك ئىسپىرتتىن زەﮬەرلىنىش ،كۈن نۇرى ﮬەمدە بىر قىسىم ﮬۆسۈن تۈزەش مەﮬسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولماسلىقتىنمۇ بۇ خىل ئەﮬۋال كۆرلىدۇ .

6-چاچ

چاچنى يۇيغاندىن كېيىن ،ئۇخلاپ تۇرغاندىن كېيىن چاچ چۈشۈش :ﮬەددىدىن زىيادە مايلىق تاماق ئىستىمال قىلىش ،تاتلىق ،ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ،خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش ،روﮬى -ﮬالىتى ئۇزۇن مۇددەت جىددىيچىلىكتە تۇرۇش  نېرۋا ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ ،قان تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ،تۈك خالتىسىنى قان بىلەن تەمىنلەش يىتەرلىك بولماسلىقتىن چاچلارنىڭ ئۆسىشى ياخشى بولمايدۇ .ئۇزاق مۇددەت ئۆسمىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشمۇ تۈك خالتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ،ئۇزاق مۇددەت تاماك چېكىش ،ﮬاراق ئىشىچ ۋە مۇۋاپىق بولمىغان چاچ ئاسراش ئادەتلىرىنىڭ ﮬەممىسى چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

7-پۇت

1)پۇت ئاستى يىرىكلىشىش ،قاداق :يول مېڭىش ﮬالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى ئاياقنىڭ پۇتقا ماس كەلمەسلىكىدىن بولىدۇ .پۇت تازلىقىغا دىققەت قىلىش ،پۇتنى ئىلمان سۇدا چىلاپ يۇيۇپ بېرىش قان ئايلىنىشقا پايدىلىق ،يەنە پۇتنىڭ يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش مېيى سۈرۈ ش.

2)پۇتتا ئىشش ئالامىتى كۆرۈلسە :ﮬامىلدارلىق مەزگىلى ياكى تۇزنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن .قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ،يۈرەك موسكۇللىرى زەئىپلىشىش ،بۆرەك ياللۇغى ،ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش ،بەدەندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىپ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ پۇتتىن چىقىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ﮬەممسى پۇت ئىششىشنڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .يەنە ئۆپكىگە سۇ يىغىلىش ،جىگەر توقۇلمىرى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان جىگەر قېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان قورساققا سۇ يىغىلىش (سۇ چۈشۈش )مۇ پۇت ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

8-پۇت -قول

قىشتا پۇت-قول ئىسسىماسلىق :قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەردە قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىقتىن توقۇلمىلار يېتەرلىك ئوكسىگىن ۋە ئىنىرگىيەگە ئىگەبولالماسلىقمۇ پۇت-قول ئىسسىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبە:
ئىزدىنىش مۇنبىرى
diyare1

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ