ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشيېڭى 47. قان تىپى سىستېمىسى MAL بايقالدى

يېڭى 47. قان تىپى سىستېمىسى MAL بايقالدى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

Bristol ئۇنىۋېرسىتىتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى: ئىككى كىشىنىڭ ABO بىلەن Rh قان تىپى ماس كەلگەن تۇرۇقلۇق ، نېمە ئۈچۈن بەزىدە قان بەرگەندە رىئاكسىيە يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بىر 50 يىلدىن بۇيان يېشىلمىگەن سىر ئىدى.

1972 – يىلىلا بىر ھامىلدار ئايالدىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغاندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭ قان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىدە بىر خىل ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھۈجەيرە بەلگە ماددىسى – AnWj قان تىپى ئانتىگېنىنىڭ كەملىكىنى بايقىغان ۋە ئىنتايىن ھەيران قالغان. قان تىپى ئانتىگېنى قىزىل قان ھۈجەيرە يۈز قىسمىدىكى ئاقسىل بولۇپ، بۇ ئاقسىللار كەمچىل بولغان ئەھۋالدا قان سالغاندا ئېغىر رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ ، يەنى بىز دائىم دەيدىغان قان تىپى ماس كەلمەپتۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قان بېرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار ئاز ئۇچرايدىغان ئەمما ئېغىر رىئاكسىيە ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل ھالقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قوزغاتقۇچى ئانتىگېن مولېكۇلىسىنىڭ بار يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ھازىر ئەنگلىيە دۆلەتلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىدىن كەلگەن ئالىملار بۇ ئاز ئۇچرايدىغان AnWj ئانتىگېنى بىلەن MAL گېنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەزىملەشتۈردى. ئالىملار بۇ خىل AnWj ئانتىگېنى «يىلىك غىلىپى ۋە لىمفا ھۈجەيرىسى» ( Mal ) ئاقسىلىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئالىملار يېڭىدىن بايقالغان قان تىپى سىستېمىنى «MAL قان تىپى» دەپ ئاتىغان.

يېڭى 47. قان تىپى سىستېمىسى MAL بايقالدى

بىز دىگەن قان تىپى سىستېمىسى ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ABO ۋە Rhدىن ئىبارەت ئىككى خىل سىستېما ھەممىمىزگە ئەڭ تونۇشلۇق كېلىدۇ. يەنى بىر كىشىنىڭ قان تىپى AB Rh+ دىگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، ھازىر تىببىي ساھەدىكى ئالىملار جەمئىي 46 خىل قان تىپى سىستېمىسىنى بىلىدۇ، ئۇلار ھەر خىل ئالاھىدىلىك ۋە ئانتىگېنغا ئىگە. يەنى بايام بىز دەپ ئۆتكەن AB Rh+ قان تىپىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ قان تىپى جەمئىي 46 خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتىلىشى كېرەك. ئەمما ھازىر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ABO ۋە Rh سىستېىسى بولغاچقا، بۇ 46 خىلنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىش بىھاجەت. ئەمدى بۇ يېڭى بايقالغان MAL قان تىپى سىستېمىسى، 47 قان تىپى سىستېمىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئەگەر AnWj مەنپىي بولغان بىر كىشى، AnWj مۇسبەت قاننى قوبۇل قىلسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تولۇق ئېكسون گۇرۇپپىسىنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەش ( يەنى كودلاشتۇرۇلغان ئاقسىلنىڭ بارلىق DNA ئېرسىيەت تەرتىپىنى ئۆلچەش ) تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئېرسىيەت كېسەللىرى كودلاشتۇرۇلغان Mal ئاقسىلىنىڭ MAL گېنىدىكى ساپ زىگوتا DNA تەرتىپىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان. يەنى MAL گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى قان تىپىنىڭ AnWj مەنپىي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تەجرىبىدە، ئالىملار يەنە نورمال بولغان MAL گېنىنى ھۈجەيرىگە ئېلىپ كىرگەن ھەمدە AnWj ئانتىتېلاسىنىڭ ئالاھىدە رېئاكسىيەچانلىقىنى كۆزەتكەن، بۇ Mal ئاقسىلىنىڭ AnWj ئانتىگېنىنى ئېلىپ يۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق قەدەم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،%99.9 تىن ئارتۇق ئادەمدە AnWj مۇسبەت بولۇپ ،ئۇلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدە تولۇق ئۇزۇنلۇقتا Mal ئاقسىلى بار ئىكەن. ئەكسىچە ،AnWj مەنپىي كىشىلەردە بۇ خىل ئاقسىل كەمچىل. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنى ئىرسىيەت ياكى بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەسىلەن قان كېسىلى ياكى راك كېسىلى. ئېرسىيەت خاراكتېرلىك AnWj مەنپىي كېسەللىك مىسالى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، تەتقىقات مەزگىلىدە پەقەت بەش نەپەر گېن خاراكتېرلىك AnWj مەنپىي يەككە تېنى بايقالغان.

MAL قان تىپىنىڭ بايقىلىشىغا ئەگىشىپ ،تەتقىقاتچىلار يېڭى گېننى تىپقا ئايرىش سىنىقى ئارقىلىق AnWj مەنپىي يەككە تەنچىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ، بۇ بىمارنىڭ قان بېرىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قان بېرىش رېئاكسىيەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ