ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىسىزدە «ھۆللۈك» ئېشىپ كەتكەنمۇ

سىزدە «ھۆللۈك» ئېشىپ كەتكەنمۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياز كۈنلىرى ھاۋا دىمىق، نەم بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا، بەدەندە زىيادە ھۆللۈك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بەدەندىكى ھۆللۈك ۋاقتىدا يوقىتىلمىسا، ئادەم بەدىنىدە بىر قاتار بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: ئاسان چارچاش، ئىشخوشياقماسلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ھەتتا چوڭ تەرەت نورمال بولماسلىق قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، بەدەندە ھۆللۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟

بەش چوڭ سىگنال بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ:

1. تىلى قېلىن گەز باغلاش: ئەگەر تىل قېلىن گەز باغلىغان ياكى تىل سېمىز، تىل گىرۋىكىدە چىش ئىزى بولسا،بەدەندە ھۆللۈك بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، مانا بۇ جۇڭيى تېبابىتىدىكى تىل دىياگنوزىدۇر.

2. بەدەن ئېغىرلاپ كېتىش، ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىش: بەدەن بەك چارچاپ كەتسە، ئادەم ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھاردۇقى چىقمايدۇ، بېشى قىيىپ، ئاسانلا ئۇيقۇ باسىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ چىكىنىدۇ. بۇمۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ھۆللۈكبارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە «بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن ئادەم چارچاپ، ئىش قىلىش خوشياقماس بولۇپ قالىدۇ» دەپ قارىلىدۇ.

3. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش: ھۆللۈك تالنىڭ ئاساسلىقئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مەيدىسى چىڭقىلىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىپەيدا قىلىدۇ. «ھۆللۈك يىغىلىپ بەلغەم ھاسىل قىلىدۇ»، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۇتقۇنچاق قىسمىدا بەلغەم پەيدا بولۇش، يۇتقۇنچاق قىسمى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

4. يۈزى ئاسان مايلىشىش: ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ يۈزى پاكىز ئەمەستەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، چىرايى ساغىرىپ، قارىداپ، مايلىشىپ كېتىدۇ، بەزىدە چېچى مايلىشىپ كېتىدۇ ياكى قۇلاقنىڭ كەينى دائىم ھۆل بولۇپ، چىمچىلاق بارماق بىلەن سىلىساماي باردەك ھېس قىلىدۇ.

دورىلىق چاي تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، نەملىكنى يوقىتىدۇ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.

1. پىننە، نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيى(藿香荷叶茶): پىننە يوپۇرمىقىدىن 10 گىرام، نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن ئالتە گىرام تەييارلاپ، قايناق سۇدا يېرىم سائەت دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. بۇ خىل چاينى يازدا ئىچىپ بەرسە، ئادەم ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدۇھەمدە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەشكە ياردىمى بار.

2. ئاپلېسىن پوستىبەيشۇ چېيى(陈皮白术茶): ئاپلېسىن پوستىدىن 10 گىرام، بەيشۇدىن 10 گىرام تەييارلاپ، سۇدا قايناتقاندىن كېيىن چاي ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ. بۇ چاي تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى تۈگىتىدۇ، بەدەندە ھۆللۈك بار، ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ماغدۇرسىزلىنىدىغان كىشىلەرگەتولىمۇ ماس كېلىدۇ.

تۇرالغۇ مۇھىتىدا نەملىكتىن ساقلىنىش كېرەك

ياز پەسلىدە ئۆي ئىچى چوقۇم نەملىكتىن ساقلىنىشى، ئىمكانقەدەر ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى، پاكىز، قۇرغاق بولۇشى كېرەك.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش

ھەرىكەت ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، بەدەندىكى قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى ھۆللۈك ناھايىتى تېزلا يوقايدۇ.

جىڭلو ئارقىلىق كۈتۈنۈش

باش بارماق ياكى ئوتتۇرا بارماق بىلەن شۈيفىن، فېڭلۇڭ پەللىلىرىنى بېسىپ، يېنىك ھالەتتەئايلاندۇرۇپ،پەللىنىڭ چىڭقالغانلىقىنى ھېس قىلغۇچە2~3 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ.

شۈيفىن پەللىسى ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدا بولۇپ، كىندىكنىڭ ئۈستىدىن بىر سۇڭ كېلىدۇ، بۇنىڭ بەلغەمنى بوشىتىپ، ھۆللۈكنى ھەيدەش رولى بار.

فېڭلۇڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلىغاندا،تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكنى يۆتكەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-03 / 08:07:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ