يۇتقۇنچاق: ئىنگىلىزچە: pharynx تۈركچىدە farenks, ياكى yutak, geniz مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 咽دەپ ئاتايدۇ.
يۇتقۇنچاق تىلنىڭ ئارقىدىراق بوشلۇقنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ يەر قىزىلئۆڭگەچ يولى بىلەن كىكىردەك كاناي يولىنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان بىر قىسىم. بۇ يەردە تاماق كىرگەندە قايسى يوللىنى قوللىنىش، نەپەس ئالغاندا قايسى يولنى قوللىنىشنى ئايرىيدىغان يەر.
يۇتقۇنچاق قىسىمدا، كاناي يولىنى توسۇپ قالىدىغان كىكىردەك قاپقىقى بار، گەپ قىلغاندا، نەپەس ئالغاندا قاپقاق ئوچۇق تۇرىدۇ، تاماق يىگەندە، سۇ ئىچكەندە قاپقاق ئېتىلىدۇ. شۇڭا ئۆپكىگە سۇ يىمەكلەر ئاسان قېچىپ كىرۋالمايدۇ. ئەگەر تاماق يىگەندە سۇ ئىچكەندە تولا گەپ قىلسىڭىز، قاپقاق زەخىملەنسە، ياكى شۇ قاپقاقنى كونترول قىلىدىغان نېرۋىلار زەخىملەنسە، قاپقاق يېپىلماي قېلىپ، يېمەكلەر ئۆپكە يولىغا كىرىۋېلىۋالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يۆتىلىپ كىتىمىز، ئۆپكە ھاۋا يوللىرى يۆتىلىش ئارقىلىق شۇ ھاۋا يولىغا كىرىلۋالغان يىمەكلىك يۇقۇندىسى، سۇ ياكى بەلغەم، ۋە ياكى سىرتتىن كىرگەن جىسىمنى تازىلاشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بەك ئىچىگە كىرىپ كەتسە، نەپەس ئالالمايدىغان، ياللۇغىلىنىدىغان، ئۆپكە تىشىلىپ كېتىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ.
بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغان بادامسىمان بېزى بار. ھەم بۇنىڭدىن سىرت ئاشقازان قىزىلئۆگەچ يېنىش كېسىلىدە زەخىملىنىپ، ياللۇغلىنىدىغان يەرمۇ مۇشۇ قىسىمدا بولىدۇ.
يۇتقۇنچاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.