ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھۇجرا ۋە مۇھەببەتسىزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن

سىزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1 . سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىزنى نىمە ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن باشقا قىزلارغا قارايدىغان چولىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىدۇ؛2. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى رەنجىتىپلا يۈرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ بولالمايسىز؛

3. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر ئالدىڭىزدا سىزنى ماختىمىغان بىلەن كۆڭلىدە سىزدەك ئايالغا ئېرىشكەنلىكىگە مىڭ مەرتىۋە رازى بولىدۇ؛

سىزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن

4. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىزگە ئالدىراپ ۋەدە بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئالدىڭىزدا گېپىدە تۈرىدىغان ئەر بولۇشىنى، بولۇپمۇ سىزگە ئىشەنچىلىك، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشنى خالايدۇ؛

5. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى قالايمىقان ئويلاردا بولماسلىقىىڭزنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنى غەملەردىن خالاس شادىيانە يۈرۈشىڭىزنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ؛

6. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر بەلكىم ھيت- بايرام، خاتىرە كۈنلەرنى سىزگە ئوخشاش ئىسىدە ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭغا نىسپەتەن سىز بىلەن بىرگە ئۆتكەن ھەر بىر كۈن ھەر قانداق بايرامدىنمۇ قەدىرلىك بولۇپ ئىسىدە مەڭگۇ ساقلايدۇ؛

7. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم ئالدىڭىزدا :سىزنى سۆيىمەن دېيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئىشى بۇنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان؛

8. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر ئەگەر سىز كاماندۇرۇپتىن قايتىپ كەلگەندە ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك بىر دەستە گۈل كۆتۈرپ چىقمايدۇ، ئەكسىچە قۇلۇڭىزدىكى چامداننى ئېلىپ: سەپەردە ھارىمىغانسىز- ھە؟ دېگىنىچە ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن سىزگە باقىدۇ؛

9. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز ئاچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا ھەرگىزمۇ سىز بىلەن تەڭ تۇرمايدۇ، تاكى ئاچىقىڭىز يانغۇچە ساقلاپ ئاندىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك :«ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز، بالدۇراق ئارام ئېلىڭ’دەيدۇ؛

10. ئەگەر سىز بىلەن تېلېفوندا گەپ تەكىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ گېپى تۈگۈمەيلا تۇرۇپكىنى قويىۋەتسىڭىز، ئۇ ھەرگىز يەنە سىزگە تېلېفون بەرمەيدۇ، بەلكى خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللىشى ياكى تېلېفون قىلىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز»: ئەمدى تېلېفوب بەرگىنىڭىزنىڭ نېمىسى، دەپ سورىغىنىڭزدا، ئۇ : ئاچىقلاپ تۇرغۇنىڭىزدا چۈشەندۈرۈشىمنى ئاڭلىمايدىغانلىقىڭىڭز تۇرغانلا گەپ، شۇڭا ئاچچىقىڭىز يانغاندا چۈشەندۈرەي دېدىم، دېيىشى مۇمكىن؛

11. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى سېڭلىسىنى ئەكىلەتكەندەك ئەركىلىتىشى مۇمكىن، لېكىن مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلغاندا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالماي قالمايدۇ؛

12. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز سوغا قىلغان نەرسىنى كۆز قارچۇغىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايدۇ؛

13. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندا : گەرچە خاتالىق سىزدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا سىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ، ھەم ھەممە گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ چاغدا سىزمۇ ئازىراق ئاشۇرىۋەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز؛

14. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەرنىڭ گېپى تاتلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىن ۋە ساپ مۇھەببىتى سىزنى مەڭگۇ ئۇنىڭغا باغلاپ تۇرىدۇ.

15. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر سىز ئۇنىڭ تەرەپلىگەن ۋاقتىڭىزدا ئالدىڭىزدا بىپەرۋا تۇرۇۋالغان بىلەن كۆڭلىدە تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتدۇ؛

16. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئەر دائىم سىزنى كۆرۈپ تۇرمىسا، خۇدىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك يۈرىدۇ، سىزنى كۆرگەندىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 12:13:32

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ